ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان ھەمدە دۇنيانىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرى خىتايغا تولىمۇ پايدىسىز ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2023-يىلىدىن باشلاپ يېڭىدىن بىر يۈرۈش كوزىرلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇنىڭ بىرى تېزدىن «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىنى ياخشى سۆزلەش» دولقۇنى قوزغاش ھەمدە تۈرلۈك ساياھەتچىلىك پائالىيەتلىرى ئارقىلىق «شىنجاڭدا ھەممە ئىش نورماللاشتى» دەيدىغان بىر ئومۇمىي ئۇچۇرنى يوللاش بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ياقتىن بىر قىسىم «تور چولپانلىرى» ئۆزلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەن «بەختىيار ۋە ئىناق جەمئىيەت» نى بازارغا سالغان بولسا، يەنە بىر ياقتىن ھەرقايسى ساياھەتچىلىك شىركەتلىرى تەشكىللىگەن كوللېكتىپ ساياھەت پائالىيەتلىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھاياتى» ھەققىدىكى بايانلارنى بارلىققا كەلتۈردى.
ھالبۇكى، بۇ خىل كۆز بويامچىلىق تېزدىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ھەمدە تېگىشلىك يوسۇندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى. 2023-يىلى ئاۋغۇستتا ۋە 2024-يىلى يانۋاردا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرى شاجىۋېسكى (Henryk Szadziewski) دەل مۇشۇ خىل رېئاللىقنى پاش قىلىش مەزمۇنىدىكى «قىرغىنچىلىق ساياھىتى» تېمىسىدا ئىككى پارچە زور ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلغان ھەمدە بۇنىڭدىكى ئويۇنلارنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. بولۇپمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ قىرغىنچىلىق ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا، جۈملىدىن قەشقەر، تۇرپان، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق كونتروللۇقىدىكى ئالدىن تەييارلانغان «ساياھەت نۇقتىلىرى» ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى»نى تاماشا قىلىشى، ساياھەتتىن كېيىن بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانلىرىنى تەكرارلاش مەزمۇنىدىكى «ئىجابىي تەسىراتلار»نى تۆكمە قىلىۋېتىشى، بۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ بىلىپ-بىلمىگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىغا شېرىك بولۇپ قېلىشى كەسكىن تەنقىدلەنگەنىدى.
بۇ دوكلاتلار ھەمدە مۇشۇ خىلدىكى ئوبزورلارنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى تېزدىن ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى 7-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ قوشما رەئىسلىرىدىن كرىستوفېر سىمىس (Chris Smith) ۋە جېف مېركېلىي (Jeff Merkley) نىڭ تۆت پارچە ئوچۇق خېتىدە يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتى. بۇ مەكتۇپلارنىڭ بىرىنچىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنگە يېزىلغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى «قىرغىنچىلىق ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان رايونغا ساياھەتكە بېرىشنى چەكلەش» ھەققىدە تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا دەۋەت قىلغان. مەكتۇپتا ئالاھىدە قىلىپ «ئامېرىكا پۇقرالىرى، يېشىل كارتا ساھىبلىرى ۋە باشقا شىركەتلەر شىنجاڭغا ساياھەتكە بېرىشنىڭ ئەمەلىيەتتە زۇلۇمغا ۋە جىنايەتلەرگە يانتاياق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلۇشى لازىم» دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەتكە بارغان بۇ ئىنسانلارنىڭ قاراپ تۇرۇپلا زۇلۇمنى قوللىغۇچى، ئۇنىڭ داۋاملىشىشىغا شېرىك بولغۇچى ھەمدە خىتاينىڭ تەشۋىقات قورچاقلىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ خادىملار دىرېكتورى پىرو توزى (Piero Tozzi) بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىنى «ساياھەتكە بېرىشقا بولمايدىغان رايون» دەپ بېكىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
«مېنىڭ قارىشىمچە بۇ مەكتۇپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇملارنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان. چۈنكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ رايوندىكى زۇلۇملارنى ‹قىرغىنچىلىق› دەپ ئېلان قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىمۇ بۇنى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ خۇلاسىلىگەن. ئەمما ھازىر بۇ رايون بەزى شىركەتلەر پايدا ئالىدىغان ماكانغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى بۇ جايدا ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامىلىپ قىينىلىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ھال ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ قەبىھلىكلىرىگە ئوخشاپ كېتىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن ئەپەندىدىن شىنجاڭنى ‹ساياھەت تەۋسىيەسىدىكى 4-دەرىجىلىك رايون› دەپ ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. يەنى بۇ ئەڭ يۇقىرى دەرىجە بولۇپ ‹ساياھەت قىلىشقا بولمايدۇ› دېگەنلىككە باراۋەر. خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرى ساياھەت قىلىش تەۋسىيەسىدە 3-دەرىجىلىك رايون، دەپ قارىلىدۇ. يەنى بۇ رايونلارغا ساياھەتكە بېرىشتا ئويلىنىپ كۆرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. ماكاۋ (ئاۋمېن) مۇ 3-دەرىجىلىك رايون. خوڭكوڭ بولسا 2-دەرىجىلىك رايون بولۇپ، ئالاھىدە دىققەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. دېمەكچىمەنكى، بۇ ئەھۋال رايونلار ئارا ئوخشىمايدۇ. ئەمما شىنجاڭدىكى زۇلۇملار تۈپەيلىدىن بىز بۇ رايوننى ئەڭ يۇقىرى بولغان 4-دەرىجىلىك رايون قىلىپ بېكىتىشنى تەلەپ قىلدۇق.»
ئامېرىكا تەۋەسىدىكى چوڭ ساياھەتچىلىك شىركەتلىرىدىن بولغان «ئابېركرومبى ۋە كېنت» (Abercrombie & Kent)، «جۇغراپىيەلىك ئېكسپېدىتسىيە» (Geographic Expeditions) ۋە «بەدەۋى چېگرالار» (Wild Frontiers) قاتارلىقلار يىللاردىن بۇيان مەخسۇس يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستېمالچىلارنى كۆزلىگەن ھالدا ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلارغا ساياھەت گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئوچۇق مەكتۇپتا ئۇلارنىڭ ساياھەتچىلىك ۋاسىتىسى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى تەنقىدلەندى.
ئوچۇق مەكتۇپتا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېيىلىدۇ:«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھازىر ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان زۇلۇملارنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭدەك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قىرغىنچىلىقنى شادىمانلىق نىقابى بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا شىركەتلىرى بۇ خىلدىكى ئۇرۇنۇشلارغا شېرىك بولماسلىقى، ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە باشقا چەتئەللىك كىشىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى كونترول قىلىدىغان ساياھەتچىلىككە تەشكىللىمەسلىكى لازىم. ئەكسىچە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ، شۇنىڭدەك ئۇزۇندىن بۇيان ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلۇپ كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ رايونغا چەكلىمىسىز كىرىشىگە، شۇنىڭدەك بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىشى لازىم.»
بۇ ساياھەت شىركەتلىرىگە يوللانغان مەكتۇپلار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تېزدىن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. شۇنىڭدەك بۇ مەكتۇپلاردا تىلغا ئېلىنغان رېئاللىققا دائىر مەسىلىلەر يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا نۇقتىسى بولدى. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ خادىملىرىدىن ھېنرىك شاجىۋېسكى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇنىڭدىكى بەزى ئاچقۇچلۇق ئامىللارنى ساناپ ئۆتتى.
«مېنىڭچە، بۇ قېتىملىق مەكتۇپ يوللاشنىڭ بىرنەچچە تۈرلۈك مۇھىم سەۋەبى بار. بىرى، بۇ ساياھەت شىركەتلىرى مۇشۇ خىلدىكى ساياھەتتىن كۆپلەپ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ بولۇۋاتقانلىقى كۆپلىگەن مەنبەلەردە كۆپلىگەن شەكىللەردە بايان قىلىنغان. بۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ شىركەتلەر ‹مۇشۇنداق بىر رايوندا پۇل تاپساق دۇرۇس بولارمۇ؟› دېگەننى ئويلىشىپ كۆرۈشى زۆرۈر ئىدى. ئىككىنچىسى، بۇ شىركەتلەرنىڭ ساياھەتچىلىك پائالىيىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئىزچىل تۈردە تېخىچە فولكلور تۈسىدە ياشاۋاتقان يېقىنقى زامان كىشىلىرى سىياقىدا تەسۋىرلىنىپ كەلدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر رايونىغا بېرىشنىڭ خۇددى قەدىمكى ‹يىپەك يولى› ۋادىسىغا بارغاندىكى تۇيغۇنى ئاتا قىلىدىغانلىقى بازارغا سېلىندى. بۇ ماھىيەتتە دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئۇيغۇرلار قالاق ۋە زاماننىڭ كەينىدە قالغان بىر خەلق ئىدى. بىز ئۇلارنى تەربىيەلەپ تەرەققىياتقا يېتىشتۈرۈپ قويدۇق› دەيدىغان تەشۋىقاتىغا يانتاياق بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۈچىنچى بىر نۇقتا بولسا، بۇ ساياھەت شىركەتلىرى تەشكىللىگەن ساياھەتلەر بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلىش رولىنى ئويناپ كەلدى. شەخسلەرغۇ مەيلى دەيلى، بۇ شىركەتلەر نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە باشقىلارنى مۇشۇنداق ساياھەتكە يېتەكلەيدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ئەخلاقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى پەش قىلىپ كەلگەن بۇ شىركەتلەر ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك ئىدى.»
بىز بۇ ھەقتە مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بۇ جەرياندا «جۇغراپىيەلىك ئېكسپېدىتسىيە» شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى تېلېفونىمىزنى ئالغاندا ئۆزىنىڭ پەقەت ساياھەتكە ئائىت زاكازلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، بۇ خىل مەسىلىلەرنى شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى برادىي بىنستاد (Brady Binstadt) ياكى ئۇنىڭ كاتىبى جېننىيدىن سورىشىمىز لازىملىقىنى ئېيتتى. بىز جېننىيغا بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزنى قوشۇپ ئېلخەت سالغان بولساقمۇ مەزكۇر خەۋىرىمىز تامام بولغۇچە ئۇلاردىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.