ئۆزبېكىستاندىكى «مەركىزىي ئاسىيا يېڭىلىقلار خىزمىتى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6-سېنتەبىردە قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئوش ۋە ئەنجان ۋىلايەتلىرى ئارىسىدىكى دۆلەت چېگراسىدا «دوستلۇق» پونكىتىنى ئېچىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپتىن مەزكۇر پونكىتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مىڭلىغان ئادەملەر قاتناشقان. قىرغىزىستان تەرەپتە ياسالغان سەھنىدە ۋەكىللەر سۆز قىلىپ، ئارقىدىن كونسېرت پروگراممىلىرى كۆرسىتىلگەن. قىرغىز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىرغىزىستان باش مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى دۈيشېنبېك زىلالىيېف، ئۆزبېكىستان ۋەكىللىرىنى ئەنجان ۋىلايىتىنىڭ ھاكىمى شۆھرەتبەك ئابدۇراخمانوف باشقۇرغان.
رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان كېلەچەككە نەزەر تاشلىدى» ناملىق ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئىككى مەملىكەت رەھبەرلىرى يېقىندا بىشكەكتە ئۇچراشقان. ئىككى تەرەپ چېگرا مەسىلىسى توغرىلىق كېلىشىم ئىمزالىغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنگە قەدەر مەزكۇر چېگرا مەسىلىسىنىڭ تېخى 15 پىرسەنتىمۇ ھەل قىلىنمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ماقالە ئاپتورى كىرىل كرىۋوشېيېف ئۆزبېكىستاننى ئىسلام كەرىموف باشقۇرغان مەزگىلدە ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنىڭ ھەل بولمىغانلىقىنى، شاۋكەت مىرزايېف تەختكە چىققاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىدە ئىلگىرىلەشلەر كۆرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئىگىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ چېگرا مەسىلىسى شاۋكەت مىرزايېف بىلەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېفنىڭ تۇنجى قېتىم سەمەرقەنتتە كۆرۈشۈشىدە مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى مەلۇم. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئىككى مەملىكەت چېگراسىدىكى 40 قا يېقىن جاي ئەڭ كەسكىن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان نۇقتىلار بولۇپ، بۇ ھەقتە تېخىچە بىرەر كېلىشىم ئىمزالانمىغان ئىكەن.
«ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ قىرغىزچە ئاڭلىتىشىغا قارىغاندا، بۇ چېگرا نۇقتىلىرى مەملىكەتنىڭ ئۈچ ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «كېمپىر-ئاباد» سۇ ئامبىرى، باتكېن ۋىلايىتىدىكى سوخ ۋە جالال-ئاباد ۋىلايىتىدىكى كاۋاساي رايونلىرى بار ئىكەن.
قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى ئۇلۇغبېك قوچقاروفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرچە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان رايونلار ئىچىدە ئىككى تەرەپنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى زور بولغان رايونلار مەۋجۇت ئىكەن. ئۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بولمىسا، ئاھالىلەردە قاتتىق نارازىلىق پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
«ئازادلىق» رادىيوسى ئېلان قىلغان «دوستلۇق كونترول-ئۆتكۈزۈش پونكىتىدىن بىر كۈن ئىچىدە 25 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆتتى» ناملىق ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: «بۇ رايوندىكى ۋەزىيەت 2010-يىلىدىكى قانلىق ئېتنىك توقۇنۇشتىن كېيىن مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن ئىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ يىلى باھار پەسلىدە قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە مەملىكەتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئوش ۋىلايىتىدە قىرغىز ۋە ئۆزبېكلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.»
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى كېيىنكى يىللاردا ناھايىتى ناچارلىشىپ كەتكەن. ھەتتا ئىككى دۆلەت چېگراسىدا بىر نەچچە قېتىم ئوق ئېتىشىشلارمۇ يۈز بەرگەن. شاۋكەت مىرزايېفنىڭ پرېزىدېنتلىققا كېلىشى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ قوشنا جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرى نورماللىشىشقا باشلىغان.
قەھرىمان غوجامبەردى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىلىرىنىڭ پەيدىن-پەي ھەل قىلىنىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلىسا، بىز ئورتا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. سەۋەبى مەدەنىيەت-مائارىپ ئالاقىلىرى، تىجارىي مۇناسىۋەتلەر كۈچىيىدۇ. ئۆز-ئارا بېرىپ-كېلىش ياخشى بولسا، قالغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ».
قەھرىمان غوجامبەردى ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىرلەشكەن تەقدىردە بۇ رايوندىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە باشقا ساھەلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكلىرىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى رەھىم ھاپىزى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈم سۈرگەن 70 يىل مابەينىدە ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆز ئارا بېرىپ-كېلىش ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ ناھايىتى قويۇق بولغانلىقىنى، ئەمما كېيىنكى يىللاردا ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ سوغۇقلىشىپ، ئاۋام خەلقنىڭ كۆپ زەرداب چەككەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى راۋاجلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى بۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بۇ ياخشى نەتىجە. ئۇيغۇرلار ئورتا ئاسىيادا بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتىدۇ ۋە بىر-بىرى بىلەن قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، ئاخىرقى 10-20 يىل ئىچىدە بۇ ئالاقىلەر قىسقىراشقا باشلىدى. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى مىرزايېفنىڭ ئارىدىكى توڭلارنى ئېرىتىشى قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان مىللەتلەرگە قۇلايلىق پۇرسەت يارىتىدۇ، دەپ ئويمايمەن».
رەھىم ھاپىزى، «ئورتا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ كېلەچىكى رايوندىكى ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ھەمدە ئۇلارنىڭ بىرلىك-ئىتتىپاقلىقىغا باغلىق،» دېدى.