قىرغىزىستان ۋە رۇسىيە ئۇيغۇرلىرى قۇربان ھېيتتا ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلدى

0:00 / 0:00

9-ئىيۇل كۈنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قۇربان ھېيتى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۆزلىرىنىڭ دىنداشلىرى بىلەن بىرگە مۇقەددەس پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ قۇربان ھېيتتا ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىشتى.

قىرغىزىستان، قازاقىستاندىن قالسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ ۋە زىچ ئولتۇرۇشقان بىر مەملىكەت، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يەنە رۇسىيەنىڭ شەھەرلىرىگە كۆپ ساندا ئولتۇراقلاشقان. شۇ مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا تىرىشماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى قۇربان ھېيتى ۋە روزا ھېيتى قاتارلىق دىنىي ۋە مىللىي بايراملارنى ئۆتكۈزۈشتۇر.

رۇسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى قۇربان ھېيت نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ باردى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رۇسىيە پايتەختى موسكۋا ۋە سانكتپېتېربۇرگ شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن رەپقەت سادىقوف جامائەت ئەربابى ئەلىشىر نەبىجاننىڭ باشلىقىدا موھتاج ئائىلىلەرگە قۇربانلىق تارقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال-ئاباد شەھىرىدە قۇربان ھېيتى ناغرا چېلىنىپ تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ شەھەردىمۇ مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزبېك، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر جامائەت ئاكتىپلىرى مەھەللىلەردىكى بالىلارغا تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇلارغا سوۋغاتلار تاپشۇرۇشتى. قۇربان ھېيتىنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىدە، جالال-ئاباد ئۇيغۇرلىرى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش، موھتاج ئائىلىلەرگە قۇربانلىق تارقىتىشتى. رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جالال-ئاباد ئوبلاستىنىڭ ئاق-ساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوف جالال-ئاباد شەھىرىدىكى بىرقىسىم چوڭلار ۋە سەبىيلەرنى مېھمان قىلىپ ئۇلارغا سوۋغاتلارنى تاپشۇرغانلىرىنى بىلدۈردى.

ئەلىشىر ئەپەندى يەنە جالال-ئاباد شەھىرى تۇرغۇنلىرىغا تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرى ئەۋەتىپ بەرگەن قۇربانلىقلىرىنى تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستانغا يەنە گېرمانىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىدىن ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى ئارقىلىق قۇربانلىق ئەۋەتىلدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان گېرمانىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى بىلەن ھەمكارلىقتا يۈزلىگەن موھتاج ئائىلىلەرگە قۇربانلىق گۆش تارقىتىپ كەلمەكتە. بۇ يىلى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف ۋە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ يىگىت باشلىرى بىلەن قۇربانلىقلارنى تارقىتىشقا مەسئۇل بولۇشتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائىتىگە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن قۇربانلىق ئەۋەتىلدى. د ئۇ ق نىڭ قۇربانلىقلىرىغا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف مەسئۇل بولدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىلمۇرات ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تۈرك قېرىنداشلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، قۇربانلىقلارنى ئاياللار كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىقتا تارقىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئادەتتە ئەۋەتىلگەن قۇربانلىقلار مىللەت ئايرىماستىن موھتاج بولغان ھەممە ئائىلىلەرگە تارقىتىلماقتا. بۇ يىلمۇ ئوخشاش تارقىتىلىۋاتىدۇ، لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەۋەتكەن قۇربانلىقلار ئاياللار كېڭىشى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە تارقىتىلغان. رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نوۋوپوكروۋكا يېزىسىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئاسىيەم موللاباقىيېۋا ئاياللار كېڭىشىنىڭ موھتاج ئائىلىلەرنى ئۆز نازارىتىدە تۇتۇپ ئۇلارغا ھەر ھەر خىل بايراملاردا ھەددىيەلەرنى تاپشۇرۇپ كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم چارىلىرىدىن بىرى-قىرغىزىستان ۋە دۇنيا بويىچە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىشتۇر.

ھازىر قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتى بويىچە 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشماقتا. ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىمۇ ساقلىماقتا.