قۇربان ھېيىت مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم دىنىي بايراملىرىنىڭ بىرىدۇر. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ھېيت-ئايەملەردە ئۆزلىرىنىڭ دىنى پەرزلىرىنى ئادا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مىللىي ئەنئەنىلىرىنى داۋام قىلىشقا تىرىشماقتا. 20-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى مەسچىتلەرگە توپلىشىپ، قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى. قۇربان ھېيت نامىزىدىن كېيىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى تۇپراق بېشىنى زىيارەت قىلىشىپ، مەرھۇملارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلىۋەت قىلىشتى، ئاندىن ئۆيلىرىدە قۇربانلىق قىلىشىپ، ئۆز ئارا ھېيتلىشىپ، ھېيت كەيپىياتىنى يوقىرى كۆتۈردى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇلۇغ قۇربان ھېيىت بايرىمىدا ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ بارماقتا. بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا قىرغىزىستاننىڭ چۇ ۋىلايىتىدىكى يېزىلاردا ئولتۇراقلاشقان 400 ئوشۇق موھتاج ئائىلىلەرگە قۇربانلىق گۆش تارقىتىلدى. بۇ يىللىق قۇربانلىقلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، گېرمانىيەدىكى تۈرك فېدېراتسىيەسى ۋە گېرمانىيەدىكى شەرقىي تۇركىستان ئۇچۇر مۇركىزىدىن ئەۋەتىلگەن ئىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموۋ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ قۇربانلىق تارقىتىش ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنىڭ ئون يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ھەر يىللىق روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيت مەزگىلىدە قىرغىزىستان ۋە دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى جامائەتكە تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ياش-ئۆسمۈرلەرگە بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالاتچىسى روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قۇربانلىقلارنى ئەۋەتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە گېرمانىيەدىكى تۈرك قېرىنداشلارغا تەشەككۈرىنى بىلدۈراى. ئۇ كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبلىك ئىقتىساد تۆۋەنلەپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ناچارلىشىپ قالغانلىقىنى، ئەمما چەت ئەللەردىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەر يىللىق ھېيت-ئايەملەردە ئۆزلىرىگە ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
قۇربانلىق تارقىتىش ئۈچۈن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى مەخسۇس بىر كومىتېت قۇردى. بۇ كومىتېت كۆپ يىللاردىن بۇيان ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. دەسلەپ يېزىلاردىكى يىگىت باشلىرى تەرىپىدىن يېتىم-مىسكىنلەرنىڭ تىزىملىكى تەييارلىنىدۇ، ئاندىن قۇربانلىق قوي ۋە كالا تەييارلىنىدۇ، كېيىن پاكىز قۇشخانىلار تاللىنىپ، قۇربانلىق كېسىلىدۇ. پارچىلىنىپ تەييار بولغان قۇربانلىقلارنى دەسلەپ يېزىلارغا، ئاندىن شەھەرلەردىكى يىگىت باشلىرى ئارقىلىق مەھەللىلەرگە ئەۋەتىلىدۇ.
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتى قۇربانلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى رەپقەت يۈسۈپوۋ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قۇربانلىقلارنى ئەۋەتكەن ۋەتەنپەرۋەر يىگىتلەرگە ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى غۇلجا شەھىرىدە ھېيت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەت بولۇپ، بۇ ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى ياخشى ساقلاپ كەلمەكتە. ھازىر قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتى بويىچە 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بولسا نوپۇسىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشماقتا.