قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى قۇربان ھېيتتا ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2020.08.05
qirghizistan-qurban-heyt-saxawet.jpg زۇمرەت ئابدۇرەھىموۋا(سولدىن ئىككىنچىسى ) قاتارلىق پىدائىيلار دوختۇرلارغا ياردەم يەتكۈزمەكتە. 2020-يىلى 31-ئىيۇل، قىرغىزىستان.
RFA/Féruze

مەلۇم بولۇشىچە خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن بىرىنچى قېتىم بايقالغان كورونا ۋىرۇس كېسىلى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ، يەرشارى بويىچە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، دىنىي ۋە ئىنسانىي زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مۇسۇلمان خەلقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس بايراملىرىنى تەبرىكلەش ۋە بەزى دىنىي ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرۇشتىنمۇ مەھرۇم قېلىشتى.

31-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇلۇغ قۇربان ھېيت بايرىمىنى قارشى ئالدى. كورونا ۋىرۇسى كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشى بىلەن ھېيت نامىزىنى مەسچىتلەردە ئوقۇشقا چەكلىمە قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە دىنىي ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرۇپ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا تىرىشماقتا. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كورونا ۋىرۇسى كېسىلى تۈپەيلىدىن بىر-بىرىنى باغرىغا بېسىپ تەبرىكلىيەلمەيدىغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز ئائىلە ئىچىدە مىللىي ئادەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، مەرھۇملارنى ئەسلەپ، ياش ئۆسمۈرلەرنى مىللەتپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان موھتاج بولغان ئائىلىلەرگە قۇربانلىق تارقىتىش ۋە سەدىقە بېرىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ يىلى كورونا ۋىرۇسى كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىپ كارانتىن ھالەت يۈرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ساخاۋەت ئىشلىرىنى توختاتماي داۋاملاشتۇرماقتا. ئىگىلىنىشىچە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىغا چەتئەللەردىكى مۇسۇلمان جامائەتلىرىدىن بىرقىسىم قۇربانلىقلار ئەۋەتىلگەنىكەن. ئىسلام قانۇنى بويىچە ئەۋەتىلگەن بۇ ئىئانىلەرگە قوي ئېلىنىپ قۇربانلىق قىلىنىپ چۇي ۋە باشقا ۋىلايەتلەردىكى يېزا-قىشلاقلاردىكى موھتاج ۋە كېسەل بولغانلارغا تارقىتىلدى.

بۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدىن تارتىپ، كورونا ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە جىددىي ھالەت، باشقا ۋىلايەتلەردە كارانتىن تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، كۆپ كىشىلەر كۈندىلىك كىرىمىدىن ئايرىلىپ، ئىقتىسادىي ھاياتى ناھايىتى ئېغىرلاشتى، موھتاج ئائىلىلەرنىڭ سانى كۆپەيدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قۇربانلىقلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، گېرمانىيەدىكى تۈرك قېرىنداشلار تەشكىلاتى، شۇنداقلا تۈركىيەدىكى «مائارىپ» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا تارقىتىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش، جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىدە قۇربانلىق گۆشلەرنى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ شۆبىلىرى تارقىتىشتى. ئۇلار موھتاج ئائىلىلەردىن سىرت، يەنە دوختۇرلارغا ۋە كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش شىپاخانىلىرىدىكى پىداكارلارغا تارقىتىشتى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جالال-ئاباد ۋىلايىتىدىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ شۆبە رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوف ياۋروپادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئەۋەتكەن قۇربانلىق ھەدىيەلىرىنى مىللەت ئايرىماستىن موھتاج ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستاندىكى 40 ئۇيغۇر ئائىلىسىگە يەنە ھىندونېزىيەدىكى AST خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى قۇربانلىق تارقاتتى. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان AST خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتنىڭ خادىمى كېماس سوفيان ئەپەندى «گلوبال قۇربان» يەنى «خەلقئارا قۇربان» لايىھەسىنىڭ ئىچىدە بەش يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى 30 دىن ئوشۇق دۆلەتكە قۇربانلىق تارقىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى. : «بىز AST فوندى، خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر يىلى ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقادىكى 30 دىن ئوشۇق دۆلەتلەرگە قۇربانلىق تارقىتىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ يىلى بىز تۈركىي دۆلەتلەرگە قۇربانلىق ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار بار. بۇ پروگراممىمىزنى بەك مۇھىم دەپ كۆرىمىز، چۈنكى قۇربانلىق تارقىتىش ئىسلام دىنىدىكى بىر ۋاجىپتۇر. بىرىنچىدىن بىز زۇلۇم ASTىدىكى خەلقلەرگە ياردەم بېرىمىز، مەسىلەن ئۇيغۇرلار، سۈرىيەدىكىلەر ۋە روخىنگا مۇسۇلمانلىرى، شۇنداقلا ئەڭ موھتاج بولغان دۆلەتلەرگە، مەسىلەن ئافرىقادىكى ئېفىيوپىيە، ئۇگاندا، سومالى ۋە باشقىلارغا قۇربانلىق ئەۋەتىشكە تىرىشىۋاتىمىز».

رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا قىرغىزىستاندا 60 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سانىنى بىر ھەسسە كۆپ دەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى 1960-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى. يەنە بىر مۇھىم قىسمىنى قىرغىزىستان جەنۇبىدىكى جالال-ئاباد ۋە ئوش ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ، ئۇيغۇرلار يەنە ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىدىكى قاراقول شەھىرىدىمۇ ئاز ئەمەس. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋە ھەر خىل مۇراسىملار ئارقىلىق مىللىي روھىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىمى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىغا قۇربانلىق ھەدىيەلىرىنى ئەۋەتكەن چەتئەللەردىكى مۇسۇلمان جامائەتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە رەھمەت ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.