قىرغىزىستاندا «ئىرپان فېست» نامىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى باشلاندى

بىشكەكتىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە تەييارلىدى
2024.08.20
Chever-qol-hanim-qizlar-topi-1024

چىۋەر قول خانىم قىزلار توپى. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان RFA/Feruza

Sabrina-Talibjanova-resimliri-bilen-1024

سابرىنا تالىبجانوۋا ۋە ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرى. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان RFA/Feruza

Dil-sazmuqam-ansambili-1024

دىل ساز مۇقام ئانسامبىلى. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان RFA/Feruza

Dostluq-milliy-musiqa-ansambili-1024

دوستلۇق مىللىي مۇزىكا ئانسامبىلى. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان RFA/Feruza

Elnura-vocal-ansambili-1024

ئەلنۇرا ۋوسال ئانسامبىلى. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان RFA/Feruza

erpan-fest-murasimidin-bir-korunush-1024

ئېرپان فەست مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان RFA/Feruza

Erpan-fondinig-reisi-Nurmuhammad-Kenjiev-nutuq-qilmaqta-1024

ئېرپان فوندىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد كەنجىيېۋ نۇتۇق قىلماقتا. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان RFA/Feruza

Ijtimaiy-penler-magistr-namziti-Mehrigul-Ablizovagha-medal-ve-teqdirname-tapshurulmaqta-1024

ئىجتىمائىي پەنلەر ماگىستىر نامزاتى مېھرىگۈل ئابلىزوۋاغا مېدال ۋە تەقدىرنامە تاپشۇرۇلماقتا. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان RFA/Feruza

Mehmanlarni-kutivelish-korunushi-1024

مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان RFA/Feruza

18-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىدىكى توڭ يېزىسىدا «ئىرپان فېست» نامىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى باشلاندى. مەزكۇر فېستىۋالغا قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكار، شائىرلار ۋە زىيالىيلار قاتنىشىپ، ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلماقتا.

«ئىرپان فېست» دەپ ئاتالغان مەزكۇر فېستىۋال «ئېرپان» ئۇيغۇر تەرەققىيات پىروگراممىلىرىنى قوللاش فوندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. مۇراسىم تۆت كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى توغرىسىدىكى تۈرلۈك مەزمۇنلار كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.

«ئىرپان فېست» فېستىۋالى 17-ئاۋغۇست كۈنى بىشكەك شەھىرىدە چەت ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ۋە بىرلىكتە ناشتىلىق قىلىش بىلەن باشلاندى. ئاندىن فېستىۋال ۋەكىللىرى كوللېكتىپ ھالدا تاغلارنى ئارىلاپ ئىسسىق كۆل تەۋەسىگە ساياھەتكە چىقىشتى.

«ئىرپان» فوندىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت كەنجىيېۋ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇراسىمنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ جەم بولۇشى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈشى، مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى دەپ تەكىتلىدى.

مەزكۇر مەدەنىيەت مۇراسىمى باشلانغان فېستىۋال مەيدانى ئۇيغۇر مىللىي بۇيۇملىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر بىلەن زىننەتلەندى. قازاقىستاندىن كەلگەن «چېۋەر قول» ئۇيۇشمىسىنىڭ خانىم-قىزلىرى مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنى ئۇيغۇر مىللىي تائاملىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشتى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «چېۋەر قول» ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلياكوۋا مەرۋانەم خانىم «ئىرپان فېست» مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ۋە ھۈنەرلىرىنى نامايان قىلغانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.

مەزكۇر مۇراسىم قىرغىزىستان دۆلەت گېمىنى ۋە ئېرپان فوندىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت كەنجىيېۋنىڭ ئېچىلىش سۆزى بىلەن باشلاندى، ئاندىن كونسېرت پىروگراممىلىرى كۆرسىتىلدى.

ئۆزبېكىستاندىن قاتناشقان سەنئەت دوكتورى، ئۆزبېكىستان دۆلەت كونسېرۋاتورىيەسىدىكى ئۇيغۇر مۇقام بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلزىرە ئابلەت خانىم، فېستىۋال ئەھلىگە ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى تەقدىم قىلدى. ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن ھەكىمە ۋېلياموۋانىڭ رەھبەرلىكىدىكى «ئەلنۇرە» ۋوكال ئانسامبىلى، قازاقىستاندىن كەلگەن «دوستلۇق» مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ئانسامبىلى، نادىيا رېمباكىيېۋانىڭ رەھبەرلىكىدىكى «ياشلار ئاۋازى» ۋوكال توپى، ياركەنتتىن كەلگەن ئوغلەم تاھىروۋانىڭ رەھبەرلىكىدىكى «دىل ساز» مۇقام ئانسامبىلى ۋە يەنە باشقا سەنئەت سۆيەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ناخشىلىرى ۋە ئەۋرىشىم ئۇسسۇللىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىشتى.

مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان «دوستلۇق» مىللىي مۇزىكا ئانسامبىلىنىڭ ئۇستازى سابىرجان ماناشوۋ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر فېستىۋالنىڭ ياش ئەۋلادلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور بولغان بىر پائالىيەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئېرپان فېست» پائالىيىتى داۋامىدا يەنە ياش رەسساملار كۆرگەزمىسى بولۇپ ئۆتتى. شۇ كۆرگەزمىگە ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى نامايان قىلغان سابرىنا تەلىبجانوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز رەسىملىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى تەسۋىرلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ «يەتتى قىزلىرىم» ئەسىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدىكى بۇ فېستىۋال قىرغىزىستاندا بىرىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ تەبرىك سۆزلىرى ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى «ئىرپان» فوندىغا، شۇنداقلا بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرگە ئىزھار قىلىشتى. مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا «ئېرپان» ئۇيغۇر تەرەققىيات پىروگراممىلىرىنى قوللاش فوندى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى سەنئەت توپلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى، شۇنداقلا شائىر ۋە ئىلىم ئىگىلىرىنى مېدال، سوۋغات ۋە تەقدىرنامىلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.