6-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى خەلقئارالىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ غەلىبە قىلغان قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارغا سوۋغات ۋە پەخرىي گۇۋاھنامىلەرنى تاپشۇردى.
مەزكۇر مۇراسىم «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئىدارىسىدە جەمئىيەت رەئىسى تۇرسۇنتاي سەلىموفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەتكە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىي كېڭەش ئەزالىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىللىرى، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرلىرى ۋە بىر توپ جامائەت ۋەكىللىرى قاتناشتى.
مەلۇم بولۇشىچە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئازسانلىق مىللەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان خېلى داڭلىق تەنھەرىكەتچىلەر ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈن جۇمھۇرىيەت، ئوتتۇرا ئاسىياغا، ھەتتا سوۋېت دەۋرىدە پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تونۇلغانىدى. مەسىلەن، داڭلىق پۇتبولچى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەنھەرىكەت ماھىرى نامىغا سازاۋەر بولغان يۈسۈپ مۇسايېفنىڭ نامى 1960-70-يىللاردا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى پۇتبول مەستانىلىرى ئارىسىدا مەشھۇر ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەنھەرىكەت ماھىرى، قىرغىزىستان دۆلەت ئولىمپىك جۇدو، يەنى ياپونچە چېلىشىش كوماندىسىنىڭ ئالىي مەشقاۋۇلى ساۋۇر ئەمەتوف، دۆلەت ئولىمپىك چېلىشىش كوماندىسىنىڭ ئالىي مەشقاۋۇلى پەرھات ھوشۇروف، قىرغىزىستان تەنھەرىكەت ماھىرى، ياشلار چېلىشىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى شۆھرەت ھوشۇروف قاتارلىقلار ئوخشاشلا كۆپلىگەن رايون خاراكتېرلىك ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىنىڭ چېمپىيونلىرى بولۇپ شۆھرەت قازانغانلار ئىدى.
مەزكۇر مۇراسىم داۋامىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنتاي سەلىموف نۇتۇق سۆزلەپ، مەزكۇر تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز ماھارەتلىرى بىلەن تونۇتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇمېجىت تۇردىيېف ئۆزىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تىرېنېر ۋە تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر پائالىيەت داۋامىدا دۆلەت ئولىمپىك چېلىشىش كوماندىسىنىڭ ئالىي مەشقاۋۇلى پەرھات ھوشۇروف قاتناشقۇچىلار نامىدىن «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى.
«ئەگەر تەنھەرىكەتچىلەر بىر مۇسابىقىگە قاتناشسا، ھۆكۈمەتنىڭ، تەنھەرىكەت فېدېراتسىيەسىنىڭ دىققىتى ۋە قوللىشى ئۇلارنى بەك روھلاندۇرىدۇ، لېكىن ئۆز مىللىتىمىزنىڭ بىزگە كۆڭۈل بېرىپ بىزگە تەقدىرنامىلەرنى بېرىشى بىز ئۈچۈن بۇ ئىنتايىن قىممەتلىك. رەئىسىمىز دېگەندەك ئەڭ مۇھىم بولغىنى سوۋغات ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل. مانا بىزنىڭ ئىككى تەنھەرىكەتچىمىز ئاۋغۇست ئېيىدا خەلقئارالىق مۇسابىقىگە تەييارلىنىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى پائالىيەت ئۇلارنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردى» .
مۇشۇ يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا قىرغىزىستانلىق ئۈچ ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىسى ئاسىيا چېلىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن ۋە مىس مېداللارغا ئېرىشكەن. 17 ياشلىق ياش-ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىدا سەيىد شەمشىددىنوف ۋە مىرسەيىد يۈنۈسوفلار ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 23 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا مۇھەممەد ئابدۇللايېف مىس مېدالغا ئېرىشتى. ئۆتكەن 2022-يىلى، نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكەن خەلقئارالىق چېلىشىش مۇسابىقىسىدە مۇھەممەد ئابدۇللايېف بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئۇ ئاسىيا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغانىدى.