قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كامىلجان روزىيېف سوتتا ئاقلىنىپ چىققان

0:00 / 0:00

12-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستاندا مىرزاقاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كامىلجان روزىيېف دېلوسى ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان. ئۇ ئىلگىرى تەن جازاسىغا ۋە ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن پائالىيەتچى ئىدى. «ساختا ھۆججەت ياساش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان كامىلجان روزىۋېف بۇ قېتىملىق سوتتا تولۇق ئاقلىنىپ چىققان.

بۇ ھەقتە «ئازاتلىق» رادىيوسى ئېلان قىلغان «سوت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كامىلجان روزىيېفنى ئاقلاپ چىقتى» ناملىق ماقالىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل ۋىلايىتى قاراقول شەھەرلىك سوتى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كامىلجان روزىيېف ئۈستىدىن سوت ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما سوتتا ئۇنىڭ «جىنايى قىلمىشى» دەلىلەنمىگەنلىكتىن قويۇپ بېرىلگەن. دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەيىبلىگۈچى ئۇنى «ئەيىبلىك» دەپ قاراپ، ئۇنى بەش يىل ئەركىنلىكىدىن ئايرىش، ئەمما كەچۈرۈم ئارقىلىق قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

كامىلجان روزىيېف سوتتا
كامىلجان روزىيېف سوتتا (RFA/Oyghan)

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قاراقولدىكى «ۋەنتۇس» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى كامىلجان روزىيېف ئۇزۇن يىللار مابەينىدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەن جازاسىغا ۋە رەھىمسىز مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەن كىشىلەرگە ياردەم بېرىش، شۇنداقلا ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقى بويىچە قانۇنىي ياردەم كۆرسىتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىكەن.

سوت بولغان كۈنى قاراقول شەھەرلىك سوت بېناسى ئالدىدا بىرمۇنچە كىشىلەر توپلىنىپ، كامىلجان روزىيېفنى قوللاپ چىققان. ئۇلار قوللىرىغا «ھەقىقەتنى كۈتىمىز»، «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى تەقىبلەشنى توختىتىڭلار»، «روزىيېفقا ئەركىنلىك» دېگەن تاختايلارنى كۆتۈرۈپ ۋە شوئار توۋلاپ نامايىش قىلغان.

كامىلجان روزىيېفنىڭ سوت سىرتىدىكى قوللىغۇچىلىرى
كامىلجان روزىيېفنىڭ سوت سىرتىدىكى قوللىغۇچىلىرى (RFA/Oyghan)

ماقالىدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، كامىلجان روزىيېفنىڭ دېلوسىغا ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەچىلىرىنىڭ ئەھۋالى بويىچە مەخسۇس ۋەكىلىمۇ ئارىلاشقان.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش مەقسىتىدە قىرغىزىستاننىڭ قاراقول شەھىرىدە ياشاۋاتقان كامىلجان روزىيېف بىلەن ئالاقىلاشتۇق.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سۈپىتىدىكى مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارا قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىمىنىڭ قوپال تۈردە دەخىل-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ئارىلاشتى. سەۋەبى ‹باراۋەرلىك ئۈچۈن ئىتتىپاق› ۋە باشقىمۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىر نەچچە مەرتەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا، جۈملىدىن قىرغىزىستاننىڭ ‹ئومبۇدسمېن› ئىنستىتۇتى، «باراۋەرلىك ئىتتىپاقى» ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئاكتىپلىرى، ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەچىلىرىنىڭ ئەھۋالى بويىچە مەخسۇس باياناتچىسى مېرى لوئۇلورمۇ قىرغىزىستان دائىرىلىرىگە مۇراجىئەت قىلغاندى. ئۇ مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەيىبلەشلەرنىڭ توختىتىلىشىنى ۋە مەن ئىلگىرى تەلەپ قىلغان تەن جازاسى بويىچە تېرگاۋ ئىشلىرىنى تەكشۈرۈشنى سورىغان ئىدى. مۇشۇنىڭ بارلىقى مېنىڭ ئاقلىنىپ چىقىشىمغا تەسىر قىلدى، دەپ ئويلايمەن.»

كامىلجان روزىيېف، گەرچە دوختۇرلار داۋالىنىش توغرىلىق كۆرسەتمە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرچە ئۇنى گرۇزىيەگە داۋالىنىشقا قويۇپ بەرمەيۋاتقانلىقىنى، ئەگەر تەپتىش بۇ قېتىملىق سوتتىن نارازى بولۇپ، يەنە ئەرز بەرگىدەك بولسا، ئۆزىنىڭ ئاقلىنىش ئۈچۈن يەنە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىلىق ھوقۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا توسالغۇلار بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدا ئاتالغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، «باراۋەرلىك ئۈچۈن ئىتتىپاق» تەشكىلاتى قىرغىزىستان دائىرىلىرىنى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىرغان. سوت بولۇشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مەزكۇر تەشكىلات قىرغىزىستان دائىرىلىرىگە، كىشىلىك ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرىغا ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا كامىلجان روزىيېفقا مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەرنى توختىتىش تەلىپى بىلەن مۇراجىئەت قىلغان.

خەۋەرلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى كامىلجان روزىيېف ئىسسىقكۆل ۋىلايىتى قاراقول شەھەرلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئارىدىن بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ قاراقول شەھەرلىك سوت تەرىپىدىن ئۇنىڭغا مىرزاقاماق (نەزەربەنت) جازاسى بېرىلگەن ھەمدە ئۇنىڭغا «ساختا ھۆججەت ياساش» ۋە «مەككارلىق» جىنايەتلىرى ئارتىلىپ ئەيىبلەنگەن. كامىلجان روزىيېف ئۈستىدىن جىنايەت دېلوسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى بىۋاسىتە سەۋەب بولغان دېگەن قاراشلارمۇ بولغان. ئۇ كۆپىنچە ساقچىلار ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ ئېلىپ بارغان قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىدىن، تەن جازالىرىدىن زەرداب چەككەنلەرگە ياردەم بېرىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئېچىلماقچى بولغان سوت بىر نەچچە قېتىم تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېيىنگە قالدۇرۇلۇپ كەلگەنىدى.

كامىلجان روزىيېف دېلوسىنىڭ مۇشۇ كۈنگە قەدەر ئارقىغا سوزۇلۇشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟

كامىجان روزىيېفنىڭ ئادۋوكاتى چىنارا ژاكۇپبېكوۋا مۇنداق دېدى: «ھەر ۋاقىتتا سۇدىيەلەر ئۆزگىرىپ تۇردى. شۇنداقلا كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى بۇ سوتنىڭ داۋاملىشىشىغا يول بەرمىدى. مانا مۇشۇلار تەسىر قىلدى. ئۇنى ئاساسەن ‹ساختا ھۆججەت ياساش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى. بۇ ھۆججەتنى تىببىي مەركەز رەسمىي بەرگەن تۇرسا، ئۇنى قانداقلارچە ساختا دېيىشكە بولىدۇ؟ قانۇن بويىچە رەسمىي ھۆججەتنى ياسىغان ئادەم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. لېكىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن بۇ ھۆججەت رەسمىي ھۆججەت بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. مەن سوتتا بۇنى دەلىللەپ چىقتىم. شۇنىڭ بىلەن سوت ئۇنى ئاقلاپ چىقتى.»

چىنارا ژاكۇپبېكوۋا پروكۇراتۇرانىڭ، يەنى تەپتىشنىڭ بۇ قارار ئۈستىدىن ئەرز بېرىپ، ئىشنىڭ يەنە داۋام قىلىشىنى تەلەپ قىلىىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، 2020-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنى كامىلجان روزىيېفنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن تۇرغۇزۇلغان دېلونى بىكار قىلىشقا ۋە ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغانىدى.