31-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستاندا مىللىي مۇستەقىللىق بايرىمى قۇتلاندى.
1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ھەرقايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىدى. شۇ قاتارىدا قىرغىزىستانمۇ 1991-يىلى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
31-ئاۋغۇستتىكى مۇستەقىللىق بايرىمىغا قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى بايلىقلىرى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنىڭ بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بايرىمى ئىكەنلىكىنى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يىل «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىنىڭ ئوتتۇز يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىشكەك شەھىرىنىڭ «قۇرمانجان داتقا» ناملىق مەيدانىدا قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان مۇستەقىللىق بايرىمىنى قۇتلاش مۇراسىمىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ياشلار كومىتېتى مەخسۇس چېدىر تىكىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى، ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى نامايان قىلدى. مەزكۇر مەيدان پايتەخت شەھىرىنىڭ نەق مەركىزىگە جايلاشقان بولغاچقا ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن مۇراسىمنى 1000 غا يېقىن كىشى زىيارەت قىلدى. ئۇلارنىڭ قاتارىدا رۇسىيە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ بار ئىدى.
ساياھەتچىلەر ئۇيغۇر چېدىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىسىنى كىيىپ سۈرەتلەرگە چۈشتى. ئۇلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاشىنگتون شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى خانىم-ئەپەندىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇلارنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى ھەققىدە گېزىتلەردىن ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىدىن بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.
ئۇيغۇر چېدىرىنى يەنە پرېزىدېنت مەھكىمىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تاجىمەمەتوف سانجار ئەپەندىمۇ زىيارەت قىلىپ، بۇ يەرگە قويۇلغان قەدىمىي ساماۋەرلارنى كۆرۈپ ھەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسى مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئايناگۈل چولوۋا مەزكۇر بايرامنىڭ مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ خىل مۇراسىملاردا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئالاھىدە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىغا بېغىشلانغان چوڭ مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. مەزكۇر مۇراسىمغا 20 دىن ئوشۇق ئېتنىكىلىق ئۇيۇشمىلار قاتناشتى. كۆرگەزمىلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى. ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ قول ھۈنەر سەنئىتى ۋە كۈندىلىك بۇيۇملىرى نامايان قىلىندى. بۇ مۇراسىملارنىڭ مەقسىتى مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەتنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەتتۇر. مېنىڭچە، بىز مەقسىتىمىزگە يەتتۇق. بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشمىلىرى ياخشى تەييارلىقلارنى قىلىشتى، لېكىن مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىمدا ئۇيغۇرلار ھەر دائىم بۇنداق مۇراسىملاردا ئالاھىدە تەييارلىقلار بىلەن قاتنىشىدۇ.»
بۇ مۇراسىمدا «قۇرمانجان مەيدانىدا» كونسېرت ئۇيۇشتۇرۇلدى. قىرغىزىستان خەلق ئارتىستى سۇلتان كەرىموف گۈزەل ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈردى. كونسېرت داۋامىدا يەنە ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىمۇ ئورۇندالدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۇلتان كەرىموف مۇستەقىل قىرغىزىستاندا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەر، ئىناق ۋە ئۆم ياشاۋاتقانلىقىنى، شۇ قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، 1930-يىللىرىدا ستالىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدا، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق بېسىملار ئېلىپ بېرىلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىنى ئۆزبېك ياكى قىرغىز تىزىملىتىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
مۇستەقىللىق بايرىمىنى قۇتلاش مۇراسىملىرى يەنە ئىسسىق-ئاتا ناھىيەسىنىڭ مەركىزى كانت شەھىرىدىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر ناھىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى ئۇيۇشتۇردى. مۇراسىمدا تونۇلغان ناخشىچى نۇرتاي ئابدۇرەھىم ناخشا ئېيتتى، «يۇلتۇز» ئانسامبىلى ئۇسسۇل ئورۇنداپ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشلىرىغا ئېرىشتى.
0:00 / 0:00