نورۇز بايرىمى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرىمىدۇر.
نورۇز بايرىمى ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ يېڭى يىل، يەنى باھارنى كۈتىۋېلىش؛ تەبىئەت ۋە ھاياتلىقنى سۆيۈش؛ بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەم ئۇيۇشقاقلىقنى نامايان قىلىش؛ شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيەت روھىنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان بايرامدۇر.
بۇ يىللىق نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن قىرغىزىستاننىڭ شەھەر ۋە يېزىلىرىدا تەنتەنىلىك قۇتلاش مۇراسىملىرى بولۇپ ئۆتتى. شۇ قاتاردا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ئۆزلىرى ياشايدىغان شەھەرلەردە، يېزا-كەنتلەردە ۋە مەھەللىلەردە باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەنتەنىلىك نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ۋە ئۆرپى-ئادەتلىرىنى نامايان قىلدى.
قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتىكى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىدارىسىدە قىرغىزىستان خەلقى ئاسسامبىلېيەسى نورۇز بايرىمىغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزدى. مەزكۇر مۇراسىم داۋامىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى مەخسۇس مىللىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇردى، ئۇيغۇر ياشلىرى ناخشا ۋە مىللىي ئۇسسۇللارنى ئورۇندىدى. رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىمى ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى، ئاندىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەملىكەتتىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى تەنتەنىلىك كۈتىۋالغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
بۇ يىللىق نورۇز پائالىيەتلىرى يەنە قىرغىزىستاننىڭ يەتتە ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسىي شەھەر ۋە يېزىلاردىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. كىشىلەر ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشچان بولۇشى ۋە سوغۇقلۇقىغا قارىماي نورۇز پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى. شۇ مۇراسىملىرىدا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى، ئېسىل تائاملىرىنى ھەم مەھماندوستلۇقىنى نامايان قىلىشتى.
دەرۋەقە، نورۇز بايرىمىدا ئاياللارنىڭ رولى ھەقىقەتەنمۇ زور بولدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام خانىم، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز كىملىكى ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەر يىلى نورۇز بايرىمىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مىللىي روھىنى نامايان قىلىدىغان بىر بايرام دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
پايتەخت بىشكەكتىن قالسا، ئۇيغۇر جامائىتى ئاكتىپ قاتناشقان ئەڭ چوڭ نورۇز پائالىيەتلىرى بېلوۋودسكىي، كومسومول، كەڭ بۇلۇن يېزىلىرىدا ۋە قارا بالتا شەھىرىدە ئۇييۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر جايلاردىكىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى يېزا ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمىلەر ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللىي مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللىرىنى ئورۇنداپ ئۆتتى. ئاخىرىدا نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشقان مېھمانلارنى پولو ئاشقا تەكلىپ قىلدى. بېلوۋودسكىي يېزىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان تەنتەنىلىك نورۇز مۇراسىمغا قاتناشقان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان بائۇدۇنوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ مۇراسىمدا بېلوۋودسكىي مەھەللىسىنىڭ يېڭى يىگىت بېشى سايلاپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئىچىدە قازاقىستاندىن قالسىلا ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپرەك ياشايدىغان دۆلەتتۇر. دۆلەت نوپۇس ئىستاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر قىرغىزىستاندا 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشىماقتا. ئەمەلىيتتە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قىرغىزىستاندىكى نوپۇسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ستالىننىڭ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى «ئۆزبەك» ياكى «قىرغىز» دەپ تىزىملىتىشقا مەجبۇر بولغان. 1991-يىلى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز كىملىكى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.