ھەر يىلى 21-مارت كۈنى تۈركىي ۋە ئىرانىي خەلقلەر نورۇز بايرىمىنى قۇتلايدۇ. قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىمۇ مەملىكەتتىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەنتەنىلىك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى كۈتىۋالدى.
نورۇز ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمىي تەبىئەت بايرىمىدۇر. نورۇز بايرىمى ھەر يىلى باھارنىڭ كېلىشى ۋە ئەتىيازلىق ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. 15-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك شائىر ئەلىشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ «چاھار دىۋان» ناملىق ئەسىرىدە نورۇز بايرىمى ھەققىدە شېئىرىي مىسرالارنى بايان قىلغانلىقى مەلۇم.

قىرغىزىستاندا بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئىستۇدېنتلار قۇتلاشقا باشلىغان. 18-مارت كۈنى خەلقئارا ئاتا-تۈرك ئالاتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدە تەنتەنىلىك نورۇز مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇلغان. قۇتلاش مۇراسىمدا دىئېرا ئىلىموۋانىڭ باشچىلىقىدىكى بىر توپ ئۇيغۇر ئىستۇدېنتلار نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان نومۇرلارنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر قىز ئىستۇدېنتلار ئىنتايىن رەڭدار كۆڭلەكلىرىنى كىيىشىپ، تاماشىبىنلارغا ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئىكرام قىلغان. يىگىتلار بولسا شوخ ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا ساما ئۇسسۇلى ئورۇندىغان، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ناخشىچى شۆھرەت ياقۇپوۋ ئۇيغۇر تىلىدا ناخشا ئېيتىپ نورۇز باريىمىنى شاتلىققا چۆمدۈرگەن.

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىنىڭ مەركىزىدىمۇ نورۇزلۇق چوڭ مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلناز مەقسۇتوۋانىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئۇسسۇلچىلار توپى كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئورۇندىغان. قىرغىزىستان خەلىق ئارتىسى سۇلتان كەرىموۋ شۇ مۇراسىمدا ئۇيغۇرچە ناخشا ئورۇندىغان.
كەڭبۇلۇڭ يېزىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان تەنتەنىلىك مۇراسىمدا ئۇيغۇر تائاملىرى كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، شىرزات ئىماموۋنىڭ باشچىلىقىدا ئۇيغۇر ياشلار ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىلەردىن نىكاھ توي مۇراسىمىنى كۆرسەتكەن، شۇنداقلا بۆشۈك ئۇسسۇلى ۋە باشقا نومۇرلارنى تاماشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان. ئۇيغۇر جامائىتى شۇ يېزىدىكى باشقا مىللەت تۇرغۇنلىرى ئۈچۈن زىياپەت تەيارلىغان. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كەڭبۇلۇڭ يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى كەرىمجان كادىروۋ، نورۇز بايرىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى رىۋاجلاندۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

كەرىمجان ئەپەندى يەنە كەڭبۇلۇڭ يېزىسىدىكى ياشلارنىڭ رۇس مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ئۆگىنىشىتىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە تىلغا ئالدى.
نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ۋە ئىسسىقكۆل ۋىلايىتىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار نورۇز پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خۇشخوي ۋە مېھماندوستلۇقىنى، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ رەئىسى چەشمە مۇختاروۋا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نورۇزلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتىكى ئۆزگىچىلىكلىرى ۋە ئۇنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنى ساقلاشتىكى رولى توغرىسىدا ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.