قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقى شۇ دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى ئاتا قىلدى؟
2024.09.07
1991-يىلنىڭ 31-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستان، 1-سېنتەبىر كۈنى ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغانىدى. مىللىي مۇستەقىللىق ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭىدىن تۇغۇلغان دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق مىللەتلەرگىلا ئەمەس، بەلكى بۇ دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ يېڭى مۇمكىنچىلىكلەرنى ياراتقان ئىدى. بۇنىڭ روشەن بەلگىلىرىدىن بىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنىڭ جانلىنىشىدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشايدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار چېگرا ھالقىغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن سوۋېت-خىتاي ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتتە گېئو-سىياسىي رولغا ئىگە خەلق بولغانىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار سوۋېت دەۋرىدە مەلۇم مەدەنىيەت ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمەن بولغان بولسىمۇ، ئەمما ستالىننىڭ 1930-يىللاردىكى باستۇرۇش سىياسىتى جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئېغىر پاجىئەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، مىللىي كىملىكى دەپسەندە قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى «قىرغىز» ياكى «ئۆزبېك» دەپ تىزىملىتىشقا مەجبۇر بولغانىدى. 1985-يىلى گورباچېۋ تەختكە چىققاندىن كېيىن، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدا يېڭى ئىسلاھاتلار باشلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى مىللىي جۇمھۇرىيەتلەردە جىددىي ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. 1991-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىدى.
ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ياشىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈمىد ۋە كۈچ بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار مۇستەقىل قىرغىزىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلاتىنى قۇردى، يەنى ئالدى بىلەن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنى، ئارقىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئىتتىپاق» گېزىتىنى چىقىرىشقا باشلىدى. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى رەئىسى چەشمەم مۇختاروۋا خانىم، قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىقى بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارغا، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا بىلىم ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان مۇمكىنچىلىكلەرنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
31-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەنتەنىلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بولۇپ ئۆتتى. پايتەخت بىشكەك شەھىرىگە رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئەللەردىكى ئوبراز چولپانلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولسا؛ ئىسسىقكۆل، ئوش، جالالئاباد ۋىلايەتلىرىدە تەنتەنىلىك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. جالالئاباد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوۋ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق مۇستەقىللىق بايرىمىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئورۇندالغانلىقى، بۇنىڭ جالالئابادتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە زور مىللىي ئىپتىخارلىق ھېس قىلدۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى 1-سېنتەبىر كۈنى مىللىي مۇستەقىللىق بايرىمىنى نىشانلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار كۆپ يىللاردىن بۇيان تىلغا ئېلىنماي كەلگەن بولۇپ، ھەتتا ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىسىدىمۇ نوپۇس سانى ئېنىق بېرىلمەي كەلگەن. 2016-يىلدىن كېيىن يېڭى پىرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن بۇ ۋەزىيەت ئۆزگەرگەن. تاشكەنتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا «تەكلىماكان» ژۇرنىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان، شۇنداقلا كۆپلىگەن مەدەنىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغان. تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئالىمجان زايېتوۋ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كېيىنكى يىللاردا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى جۇمھۇرىيەت تەۋەسىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇن مۇمكىنچىلىكلەرنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ «ئۈلگىلىك ئانسامبىلى» نامىغا ئېرىشكەن «ئەلنۇر» ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى ھەكىمە ۋىلياموۋا خانىم، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەر خىل تەقدىرنامىلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستان ۋە كېيىنكى يىللاردا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشماقتا، شۇنداقلا ئەزا بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ھەم راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.