بۇ يىللىق قۇربان ھېيتتا چەتئەللەردىكى مۇسۇلمانلار جامائىتى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا خالىس ياردەم كۆرسىتىپ، «قۇربانلىق» ئەۋەتىپ بەردى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر ئاممىۋى تەشكىلاتى بىلەن گېرمانىيەدىكى تۈرك قېرىنداشلار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قۇربان ھېيتلىق ياردەملەر ھەممىدىن كۆپ بولدى.
11-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇلۇغ قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى. ھېيت نامىزى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسچىتلەردە ۋە پايتەخت بىشكەك شەھىرىنىڭ مەركىزىي مەيدانىدا بىرلا ۋاقىتتا ئوقۇلدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان قۇربانلىق تارقىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ھېيت نامىزىدىن كېيىن ساخاۋەتلىك ئىشلارنى باشلىدى. قۇربانلىقلار بىشكەك شەھىرى ۋە نوۋوپوكروۋكا يېزىسىدىكى قۇشخانىلاردا تەييار قىلىندى. قۇربانلىقلارنى تەييارلاش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىغا روزىمۇھەممەت ئابدۇلباكىيېف ۋە مىرزاكېرەم ئابدۇللايېفلار مەسئۇل بولدى.
قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر كىچىك بىر دۆلەت بولۇپ، 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن مۇستەقىل بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان تا بۈگۈنگىچە قىرغىزىستان بىلەن ھىندونېزىيە ئارىسىدا ھېچقانداق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارىسىدا ساخاۋەتلىك مۇناسىۋەتلەر بولمىغان ئىدى. ئەمما بۇ يىلى ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ قۇربانلىق ئەۋەتتى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېف ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قۇربانلىق ئېۋېتكەنلىگى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتتى.
روزىمۇھەممەت ئەپەندى يەنە بەزى ئىسلام دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ بۇ دۆلەتلەردىكى ئاۋام پۇقرالار ئەگەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى چۈشەنسە، ئۇلار كېلەچەكتە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىجابىي قەدەم ئېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دېگەن ئۈمىدتە ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.
ھىندونېزىيادىكى ئاست تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى سۇجىتا پرى رامادىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ جىددىيلىكىنى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا تاراتقۇلار ئارقىلىق بىلدۇق. يەنى 2018-يىلى ھىندونېزىيەدە مىڭغا يېكىن كىشى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى. نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە ئۆز قارشىلىقى ۋە نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. بىزنىڭ تەشكلاتىمىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز. بەزىلەر ئۆز پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا قارشى نامايىشلارغا پەقەت پايتەخت جاكارتادىلا ئەمەس، بەلكى ھىندونېزىيەدىكى باشقا شەھەرلىرىدىمۇ نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇماقتا. يەنە ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان ئاممىسى ئۆز ياردىمىنى بىزنىڭ تەشكىلاتىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئەۋەتمەكتە. بىز قىرغىزىستاندىن باشقا يەنە تۈركىيە، مىسىر، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرىگىمۇ قۇربانلىقلارنى ئەۋەتتۇق.»
11-12-ئاۋغۇست كۈنلىرى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىغا يەنە گېرمانىيەدىكى تۈرك قېرىنداشلار ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەۋەتكەن قۇربانلىقلار تارقىتىپ بېرىلدى. قۇربانلىق ئاۋۋال چۇ ۋىلايىتىدىكى نوۋوپوكروۋكا، كەڭ بۇلۇڭ، تۆكۈلتاش، لېبېدىنوۋكا يېزىلارىدا ۋە توخماق شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ياشايدىغان باشقا مىللەتلەرگىمۇ تارقىتىلدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قۇربانلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مىرزاەخمەت سادىكوف قۇربانلىقلار تىزىملىك بويىچە مەھەللىلەردىكى يىگىت باشلىرى ئارقىلىق ئېۋېتىلگەنلىگىنى بىلدۈردى.
قۇربانلىق ھېيت كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» تەشكىلاتى 600 غا يېقىن ئائىلىگە قۇربانلىق تارقاتتى. قۇربانلىق ھېيتنىڭ دەسلەپكى ئۈچ كۈن جەريانىدا ئىككى مىڭغا يېقىن ئائىلە ۋە دوختۇرخانا، مېيىپلەر ئورۇنلىرىغا قۇربانلىق تارقىتىلىدىكەن.
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياردەم كۆرسەتكەن تەشكىلاتلارغا ئۆز مىنەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ھەمكارلىقىدا ساخاۋەتلىك ئىشلارنى يەنە ئۈچ-تۆت كۈنگىچە داۋاملاشتۇرىدىكەن.
0:00 / 0:00