قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى رامازان ئېيىدا مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

0:00 / 0:00

مۇسۇلمان دۇنياسى بۇ يىل 23-مارت كۈنى مۇقەددەس رامازان ئېيىنى كۈتۈۋالدى. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ مەملىكەتتىكى باشقا خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ يىللىق رامازان ئېييىنى خوشاللىق ۋە ئۈمىد ئىلكىدە كۈتىۋالدى. ئۇلار رامازان ئېيىدا ئىمكانقەدەر ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پەرزلىرىنى ئادا قىلىشقا، تائەت-ئىبادەتلىرىنى بىجا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىشكەكتىكى سىياسىي پەنلەرنىڭ ماگىستر نامزاتى ئابدۇرەھىم ھاپىزى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە كوممۇنىست رېجىم تۈپەيلى ھەرقايسىي مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئادەتلىرى ھەمدە رامازانلىق تائەت-ئىبادەتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى؛ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ قايتىدىن قولغا كەلگەنلىكى؛ ئەمما تولىمۇ ئەپسۇس، كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يوقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلى ۋەتەندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بارلىق مىللىي ۋە دىنىي ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئېچىنىش ئىلكىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ئىستاتىسكىسى بويىچە، قىرغىزىستاندا 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشىماقتا، ئەمما ئاۋام ئىچىدە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلار مەۋجۇت. ھۆكۈمەت ئىستاتىسكىسى بويىچىمۇ ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتىن قىرغىزىستاندا 5 ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار بارلىق مۇمكىنچىلىكلىرىنى ئىشتىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چىڭ ساقلاشقا تىرىشماقتا.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى رامازان ئېيىدا مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە بالىلار بىلەن مەنىلىك پائالىيەتلەرنى قىلماقتا. 2023-يىلى 23-مارت، بىشكەك.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» ئاياللار كېڭىشىنىڭ سابىق رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام، 1960-يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىن قىرغىزىستانغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقىنى، ئۇلار ھەتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئادەتلىرىنى ساقلاشنى داۋام قىلغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ بۈگۈن قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئەۋلادلىرىنىڭ كۈچلۈك مىللىي ۋە دىنىي كىملىككە ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسىي خەلقلەرنىڭ ئۆز كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي مەدەنىيەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ خېلى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە سوۋېت ئىدېئولوگىيەسى ۋە كوممۇنىزم مەپكۇرۇسى قالدۇرغان جاراھەتلەر تۈپەيلى بىر قىسىم كىشىلەر دىنىي مەدەنىيەتكە ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە سەلبىي نەزەر بىلەن قاراپ كەلگەن ئىدى. ئەمما مۇستەقىللىقتىن كېيىن تۇغۇلغان ياش ئەۋلادلار سوۋېت دەۋرىدىكى كىشىلەرگە ئوخشىمىغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە كۈچلۈك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. شۇ جۇملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى تونۇشقا، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. مانا شۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىرسى بۇ يىللىق رامازان ئېيىغا بېغىشلانغان «سەمىمىي رامىزان» ناملىق مۇراسىمدۇر. مەزكۇر مۇراسىم ياش ئۇيغۇر قىزى شاھادەت ئارۇپوۋانىڭ يېتتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مۇراسىمغا مەخسۇس خانىم-قىزلار تەكلىپ قىلىنىپ، رامازان ئېيى ۋە روزا تۇتۇشنىڭ خاسىيىتى توغرىسىدا كۆپلىگەن مەلۇماتلار بېرىلدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شاھادەت ئارۇپوۋا بۇ پائالىيەتنىڭ مەخسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىز ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى جامائىتىمىزگە رامازان ئېيىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى يەتكۈزۈشتۇر. چۈنكى بەزى كىشىلەر رامازان ئېيىنى ئادەتتىكى ئايلاردىن ھېچ پەرقى بولمىغان بىر ئاي دەپ بىلىشىدۇ، يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. ھەممىزگە مەلۇمكى، رامازان ئېيىدا روزا تۇتىمىز، بۇ روھىمىزنى، قەلبىمىزنى ۋە ئېتىقادىمىزنى پاكىزلاش ئېيىدۇر. بىز بۇ ئاينىڭ خاسىيەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالاھ بىزگە شۇنچىلىق چەكسىز رەھمىتىنى ۋە مەرھەمىتىنى ئاتا قىلغان. شۇڭا بىز رامازان ئېيىدا نىيەتلىرىمىزنى پاكىزلاپ، دىنىي ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. مېنىڭ پىكرىمچە، رامازان ئېيى بىز ئۈچۈن ئەڭ سەمىمىي پۇرسەتتۇر.»

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئىلىم كومىتېتىنىڭ رەئىسى زارىنا ئىبدىمىنوۋا خانىم بۇ مۇراسىمدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىللىق رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ساخاۋەتلىك ئىشلارنىمۇ ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار مىللەت ئايرىماستىن موھتاج ئائىلىلەرگە مەددىي ياردەملەرنى بېرىپ تۇرماقتا.