بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىنىڭ نازۇكلۇقى ۋە نەپىسلىكى قىرغىزىستاندىكى ئۇسسۇل مەستانىلىرىنىڭ قەلبىگە لەرزىگە سالماقتا. ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىغا بولغان قىزىقىش ۋە ئۇنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئاشماقتا. 3-ئاۋغۇست بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى بويىچە ئۇسسۇل ماھارىتى دەرسى بۇنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسىدۇر.
قازاقىستاندا داڭقى چىققان «دولان» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل ئاكادېمىيەسىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى بەختىيار ئىمران قىرغىزىستانغا دەۋەت قىلىنىپ بىر توپ ئۇسسۇلچىلارغا ئۇسسۇل ماھارىتى دەرسى بەردى. ئۇ، ئۇسسۇل دەرسلىرى جەرىيانىدا ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە مەدەنىيەت قىممىتى ھەققىدىمۇ سۆزلىدى. مەزكۇر دەرسلەرگە پەقەت ئۇسسۇلچىلارلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىغا قىزىققان باشقا مىللەت يىگىت-قىزلىرىمۇ قاتناشتى.
ئۇسسۇل ماھارىتىنى ئۆگىنىش دەرسى قىرغىزىستاندىكى «تۇمارىس» ئۇسسۇل توپىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى يۇلىيا مۇخامېدالىېۋانىڭ تەشەببۇسىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يۇلىيا خانىم باشقا مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش مېنى بەختلىك قىلىدۇ دېدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىر ئەسىر ئوقۇساڭمۇ ئاز دېگەندەك، مەنمۇ بەختىيارنى دىيارىمىزغا دەۋەت قىلىپ ماھىرلىق دەرسى ئۇيۇشتۇرساق بەك ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىم. بەختىيار مېنىڭ كەسىپدىشىم، ئۇ ئالمۇتادا داڭلىق ‹دولان› ئانسامبىلىنىڭ رەھبىرى، مەنمۇ ‹تۇمارىس› ئانسامبىلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ بەختىيارنى بىشكەككە دەۋەت قىلدىم. بىز بىرى-بىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ھەمكارلىشىپ تۇرىمىز. مەلۇمكى كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى تۈپەيلىدىن، ماھارىتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشكە پۇرسەت بولمىغان، بىز ئونلايىن دەرسلىرى ئۆتكۈزدۇق. بىلىشىڭىز كېرەك، ئونلايىن دەرسلىرى نەتىجىلىك ئەمەس، سىز ئۇستازىڭىزنى قېشىڭىزدا كۆرۈپ، ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ھەر بىر مۇقامنىڭ تارىخىنى بىلىپ تۇرسىڭىز قانداق ياخشى دەرس بولىدۇ-ھە؟ شۇ دەرسلەرنىڭ نەتىجىسىدە، ئەلۋەتتە بىزنىڭ ماھارىتىمىز ئۆسىدۇ. بۇ پەقەت ماھارەت تەرەققىياتى ئەمەس، بەلكى يەنە تېخىمۇ مۇھىم بولغان مەنىۋى تەرەققىيات».

ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى دەرسلىرى ئەتىگەندىن كەچكىچە بىر كۈن داۋام قىلدى. پائالىيەت بىشكەك شەھىرىدىكى «مارىيا» ئۇسسۇل مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «دولان» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى بەختىيار ئىمران ئۆزىنىڭ قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى بويىچە ئۈچىنچى قېتىم دەرس بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلىنىڭ تارىخى ۋە قىممىتىنى بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىز داۋامىدا بەختىيار ئەپەندى، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرى توي-تۆكۈنلەردە ئومۇملاشقان بولسىمۇ، لېكىن باشقا مىللەتلەردىكى ئادەتلەرنىڭ بۇ ئۇسسۇللارغا كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆز مەدەنىيىتىنى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ 2013-يىلى بىر توپ ياش سەنئەتكارلارنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە بىر يىللىق كۇرسقا ئەۋەتكەن. شۇ كۇرسلار قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان. شۇ كۇرس نەتىجىسىدە «يۇلتۇز» مىللىي ئانسامبىلى قۇرۇلغان. مەزكۇر ئانسامبىلىنىڭ تەركىبىدە ھەم ناخشا-ساز ھەم ئۇسسۇل ماھىرلىرى بولغان، لېكىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «يۇلتۇز» ئانسامبىلى تارقاپ كېتىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ بەزىلىرى شەخسىي ناخشىچى بولۇپ كەتتى. يەنە بەزىلىرى يېڭى ئۇسسۇل توپلىرىنى قۇردى. 2018 يىلى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى. ئەپسۇسكى مەزكۇر كېلىشىمدە تەكىتلەنگەن مەدەنىيەت-سەنئەتكە ئائىت مەسىلىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالدى. قىرغىزىستاندىكى ئۇسسۇل توپلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى يادرولۇق تۈر بولسىمۇ، لېكىن ماھارەت ئۆستۈرىدىغان پۇرسەتلەر ئاز ئىدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، جۈملىدىن مىللىي ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئىچىدە مىللىي چالغۇلارنى چالىدىغان ۋە ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانىمۇ ئىزچىل كۆپەيمەكتە.