قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىگە يېڭى رەئىس سايلىدى

0:00 / 0:00

12-مارت كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئارزۇ ناملىق چوڭ رېستوراندا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى 10-قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا قىرغىزىستاننىڭ چۇي، ئوش، ئىسسىق كۆل ۋىلايەتلىرىدىكى ۋە بىشكەك ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردىن 485 ئۇيغۇر ۋەكىل قاتناشتى. شۇنداقلا قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبلېيەسى كېڭىشىنىڭ تەركىبىدىكى ئاز-سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرىمۇ مەزكۇر قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى قۇرۇلتاينى جامائەتنىڭ ھەممىدىن مۇھىم يىغىنى دەپ بىلىدۇ. ھەر تۆت يىل ئىچىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ، رەئىس ۋە مەركىزىي كېڭەش تولۇق ھېسابات بېرىپ يېڭى رەئىس سايلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى نىزامنامە بىلەن بولىدۇ.

«ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ فېۋرال ئېيىدىكى سانىدا بىلدۈرۈلۈشىچە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ئىككى نامزات كۆرسىتىلگەن. ئۇلار 1969-يىلى چۇي ۋىلايىتىنىڭ سوقۇلۇق ناھىيەسىدە تۇغۇلغان تېلىبايېف ئەسەد ۋە 1956-يىلى چۇي ۋىلايىتىنىڭ ئالامېدىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان تۇرسۇنتاي سەلىموفلاردۇر. لېكىن قۇرۇلتاينىڭ ئالدىدا تېلىبايېف ئەسەد ئىستېپا يېزىپ رەئىسلىككە سايلىنىشتىن ۋاز كەچتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سايلام پائالىيىتىدە ئەسقەر قاسىموف، تۇرسۇنتاي سەلىموف، ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف، مۇزەپپەر قۇربانوف ۋە سايفۇللا ئابدۇللايېف. 2023-يىلى 12-مارت، بىشكەك.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سايلام پائالىيىتىدە ئەسقەر قاسىموف، تۇرسۇنتاي سەلىموف، ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف، مۇزەپپەر قۇربانوف ۋە سايفۇللا ئابدۇللايېف. 2023-يىلى 12-مارت، بىشكەك. (RFA/Féruze)

قۇرۇلتاي باشلىنىش ئالدىدا بىز ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى رەئىسى چەشمەم مۇختەروۋانى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ: «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە نامزىتىنى كۆرسەتكەن تۇرسۇنتاي سەلىموفنىڭ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىگە ئىككى قېتىم ئەزا بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئىلگىرى سۈردۈرىدىغان ۋە جىددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقالىقىنى ئېيتتى. .

يىغىن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن رەسمىي ئېچىلىپ، يىغىنغا تەشكىلىي ھەيئەتنىڭ رەئىسى پەرىدە نىزامىدىنوۋا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەزكۇر قۇرۇلتاي كۈن تەرتىپى رەئىس ئەسقەر قاسىموفنىڭ ھېسابات دوكلاتى، تەپتىش ۋە مالىيە ھەيئىتىنىڭ دوكلاتى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسىنى ۋە مەركىزىي كېڭەش ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىش ھەم بىر قاتار جەريانلاردىن ئىبارەتتۇر.

يىغىندا دەسلەپ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف تۆت يىللىق ئىش-پائالىيىتى توغرىلىق ھېسابات بېرىپ، مىللەت دەۋاسىنى قىلىش ھەر بىر ئىنسانىڭ پەرزى دەپ تەكىتلىدى.

قۇرۇلتايدا سۆز قىلغان قىرغىزىستان خەلق قۇرۇلتىيى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئېتنىك قىرغىزلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇزافار ئابدۇللايېف قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە سالام يوللاپ، «ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان خەلقلىرى ئىچىدە كۆپ سانلىق مىللەتلەردىن بىرى» دەپ تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆزىنىڭ قېرىنداش مىللىتى دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سايلام پائالىيىتىنىڭ قۇرۇلتاي تەشكىلىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ياشلار. 2023-يىلى 12-مارت، بىشكەك.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سايلام پائالىيىتىنىڭ قۇرۇلتاي تەشكىلىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ياشلار. 2023-يىلى 12-مارت، بىشكەك. (RFA/Féruze)

يىغىن داۋامىدا سۆزگە چىققان قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى پەرھات تۇلېندىبايېف سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستان تەرەققىياتىغا ھەر ساھەلەردە زور ھەسسىلەرنى قوشقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرىدا يەكۈن چىقىرىلىپ، «ئىتتىپاق» نىڭ «تۆت يىللىق پائالىيىتى قانائەتلىنەرلىك بولدى» دەپ باھالاندى. قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىر ئېغىزدىن تۇرسۇنتاي سەلىموفنىڭ نامزىتىنى قوللاپ، ئاۋاز بېرىشتى. ئاندىن جەمئىيەتنىڭ تەپتىش ھەيئىتى ۋە مەركىزىي كېڭەش سايلاندى. قۇرۇلتايدا مەركىزىي كېڭەش ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ چىققان ئۇيغۇر ياش ئەزىز خۇدابەرگەنوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سەپداشلىرى بىلەن يېڭى كۆز قاراشتا ئۆز مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قۇرۇلتايدا ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىگە ۋەكىللىك قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇللايېف سەيفۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سابىق رەئىس ئەسقەر قاسىموف ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىنىڭ جامائىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، يېڭى سايلىنىپ چىققان رەئىس تۇرسۇنتاي سەلىموف زامانىۋى تەلەپلەرگە ئاساس قىلىپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىدا ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى 1989-يىلى 17-دېكابىر قۇرۇلغان. شۇ 34 يىل جەريانىدا جەمئىيەتكە 6 رەئىس رەھبەرلىك قىلغان. 10-قۇرۇلتايدا تۇرسۇنتاي سالىموف 7-نۆۋەتلىك رەئىس بولۇپ سايلاندى.