قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى توغرىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئورتاقلاشتى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ دۆلەتتە ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇراسىملارغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ۋە ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئاممىۋى ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياشلار ئارىسىدا مىللىي روھنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. ئۇلار يەنە 1991-يىلىدىن تارتىپ خەلقئارا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولۇپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى كۈچەيتىشتە ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلمەكتە. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەلقئارا سەھنىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت ۋەقەلەرنى كۆزىتىپ تۇرماقتا. شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەركىزى بىناسى ئالدىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىللىگەن بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك نامايىش قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنى پەرۋاسىز قالدۇرمىدى. گەرچە، ئۇلار بۇ نامايىشنى قوللاپ كەڭ كۆلەمدە پائالىيەت قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاشلا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىگە بايقۇت قىلىش تەرەپدارلىرىدۇر.

قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەيكىۋاندو(يەكمۇ-يەك ئېلىشىش )كوماندىسىنىڭ كاپىتانى، خەلقئارالىق تەنتەربىيە ماھىرى ئەكبەر ھەيتاخۇنوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەسىلىدىكى ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ، خەلقئارا جامائەتنى ۋە ئولىمپىك كومىتېتىنى ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىنى توسۇشقا چاقىردى. ئۇ، ئولىمپىكنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئىنتايىن رەھىمسىزلەرچە دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ سەپتە تىرىشچانلىق بىلەن تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەنھەرىكەت بىلەن سىياسەتنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى داۋاملىق تەكىتلىمەكتە. رۇسىيەنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدە ياشايدىغان قىرغىزىستانلىق گرېك-رىمچە چېلىشىش بويىچە مەشقاۋۇل، نوۋوسىبىرسك شەھىرىدىكى «ۋەتەن» ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خەمىت توختىيېف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەنھەرىكەتنىڭ سىياسەتنىڭ بىر قورالىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى.

«ھازىرقى كۈنلەردە، سىياسەت تەنھەرىكەتكە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. تەنھەرىكەتنىڭ سىياسەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئەمەس، ئەكسىچە تەنتەربىيە سىياسەتنىڭ بىر قورالى. تەنھەرىكەت ئارقىلىق ھەم بىر شەخسنى، ھەم دۆلەتنى نۇرغۇن ئىمتىيازلاردىن مەھرۇم قالدۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ قىشلىق ئولىمپىكنى بېيجىڭدىن باشقا بىر دۆلەتتىكى شەھەرگە يۆتكەشنى قوللاپ بۇنىڭغا قوشۇلۇشقا خەلقئارا جامائەتنى تەكلىپ قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك، تەنھەرىكەت ئارقىلىق خىتاينى پاش قىلىش كېرەك، چۈنكى تەنھەرىكەت ئىنتايىن مۇھىم. ئاخىرى خەلقئارا جامائەت خىتايغا تەسىر قىلىش كېرەك، ئۇيغۇر، قىرغىز، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ھازىر خەلقئارادا تونۇلغان تەنھەرىكەتچىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى تونۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا جىددىي سۆزلىمەكتە، مەسىلەن فىرانسىيە پۇتبولچىسى ئانتۇئان گرىزمان، شۇنداقلا نورۋېگىيەنىڭ بىئاتلون بويىچە دۆلەت كوماندىسى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ بېيجىڭدىكى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلماقچى، بۇنداق تەنھەرىكەتچىلەرگە رەھمەت، ئۇلار ئارقىلىق دۇنيا خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ۋە ئۇيغۇرىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى تونۇيدۇ».

ئىگىلىنىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، لوزان شەھىرىدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەركىزى بىناسى ئالدىدىكى نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىشقا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى بەس-بەستە تەشەببۇس قىلىشماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خادىمى فەرخاد ئىبراھىموف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدىن باشقا شەھەرگە يۆتكىلىشى خىتاينىڭ سىياسىي ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر قىلىدۇ دەپ، مۇنداق تەكىتلىدى.

«قانداق بولسىمۇ ئۈمىدىمىز بار، ئۈمىدىمىزدىن ئايرىلمايمىز، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يۆتكىلىشىگە كەلسەك، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىر قانچە قېتىم تەنھەرىكەت بىلەن سىياسەت ئايرىم تۇرىدۇ دەپ تەكىتلىمەكتە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتتىن يىراق تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، بىراق، ئەگەر ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشقا دۆلەتكە يۆتكەلسە، بۇ خىتاينىڭ سىياسىي ئوبرازىغا قاتتىق سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنى خىتاي دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزىرىدىن چۈشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھەر خىل ئاماللار بىلەن بۇ ھەرىكەتكە قارشى تۇرۇپ، تەنھەرىكەتچىلەر ئارىسىدا ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرنىى ئىزدەشكە ئۇرۇنماقتا، بۇ سەپتە ئۇلارنىڭ سەمىمىيەتسىز ئۇسۇللارنى قوللىنىدىغانلىقىدىن گۇمان بار. مەسىلەن تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن پايدىلىق توختاملار، پارىخورلۇق ۋە باشقا ئۇسۇللار. ئەپسۇسكى قىرغىزىستانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى نېيترال ياكى پەرۋاسىز پوزىتسىيەسىنى تۇتماقتا. سەۋەبى قىرغىزىستاندا بۇ مەسىلە، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشى كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇلمىغان، ئەلۋەتتە ئەنسىرەيدىغانلار بار، ھېسداشلىق قىلغانلارمۇ بار. بىلىشىمچە، قىرغىزىستانلىقلار پەقەت توردا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى يۆتكەش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان.»

قىرغىزىستان 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر مەملىكەت. مەلۇمكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر دىيارى ۋە قازاقىستاندىن قالسا، ئەڭ كۆپ قىرغىزىستانغا ئورۇنلاشقان. رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا قىرغىزىستاندا 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن كۆپ دەپ قارىلىۋاتىدۇ.