قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى مىللىي ئۇسسۇل ئارقىلىق ئۇيغۇر كىملىكىنى جۇلالاندۇرۇشقا تىرىشماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئۇسسۇلى كۆپ ئەسىرلىك ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ ئەڭ رەڭدار ۋە ئەڭ جۇلالىق ئۆرنەكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى، بولۇپمۇ مىللىي ئۇسسۇل يېتەكچىلىرى ياشلارغا ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۆگىتىش ۋە بۇ ئۇلارنىڭ ساھەدىكى ماھارەتلىرىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ھاياتىنى بېيىتىشقا، قىرغىزىستاندىكى باشقا قېرىنداش خەلقلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت جەۋھەرلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

مەلۇمكى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى قازاقىستاندىن قالسىلا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىدۇر.

دىل ساداسى ئانسامبىلىنىڭ كىچىك ئۇسسۇلچىلىرى، 2023-يىلى ئىيۇل، قىرغىزىستان
دىل ساداسى ئانسامبىلىنىڭ كىچىك ئۇسسۇلچىلىرى، 2023-يىلى ئىيۇل، قىرغىزىستان

قىرغىزىستاندا خېلى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ مەملىكەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىلى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بۇ ساھەلەردە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياش ئەۋلادلارنى مىللەتسۆيەرلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيەلەشكە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

مەلۇمكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، شۇ جۈملىدىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرى، قانداق قىلىپ ئانا تىلنى ۋە ئانا تىلدىكى مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدۇر. قىرغىزىستاننى مىسال قىلساق، بۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگىنىش شەرت-شارائىتى يوق، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان بىرەر باشلانغۇچ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپمۇ يوق. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئانا تىلىنى پەقەتلا ئائىلىسىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كوللېكتىپ پائالىيەت سورۇنلىرىدىنلا ئۆگىنەلەيدۇ. كۆپىنچە ياشلار ئانا تىلنى چۈشەنسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرى سۆزلىيەلمەيدۇ.

سەنەم ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇلچىلىرى ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى ئىيۇل، قىرغىزىستان
سەنەم ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇلچىلىرى ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى ئىيۇل، قىرغىزىستان

ھالبۇكى، مۇشۇنداق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارغا كۆرە، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆز ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ساقلاش ھەمدە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ رەئىسى، «يۇلتۇز» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل گۇرۇپپىسىنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى (بەدىئىي رەھبىرى) گۈلناز مەخسۇتوۋا ئەنە شۇ خىلدىكى كەسپىي بىلىم ئىگىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇمكىن بولغان دائىرىدە مىللىي ئۇسسۇل ئارقىلىق ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىنى قىرغىزىستاندىكى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «‹سىز نېمىشقا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىۋاتىسىز؟› دېسىڭىز، بۇنىڭ جاۋابى بىز دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى بۈگۈنكى كۈندە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى، مىللىي كىملىكى، مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى ۋە سەنئەت بايلىقلىرى بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا تۇرماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا، مەن ئۇسسۇل ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە مەدەنىيىتىنى ۋە تارىخىنى تونۇتۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. ھەر بىر ئۇسسۇلنى ئۆگىتىشنىڭ ئالدىدا مەن قىزلارغا بۇ ئۇسسۇلنىڭ تارىخىنى ئېيتىپ بېرىمەن. مېنىڭ گۇرۇپپامدا باشقا مىللەتتىن بولغان قىزلارمۇ بار، يەنى تۇڭگان، رۇس، قىرغىز، تاتار قىزلارمۇ بار. ئۇلارمۇ ئۇيغۇر سەنئەت مىراسلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ۋە قوغداشقا قىزىقىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل سەنئەت ئۆرنەكلىرىنى تونۇتۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.»

يۇلتۇز ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇلچىلىرى ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى ئىيۇل، قىرغىزىستان
يۇلتۇز ئۇيغۇر ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇلچىلىرى ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى ئىيۇل، قىرغىزىستان

«يۇلتۇز» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مېھرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىنى 8 يىلدىن بۇيان ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ قىرغىزىستان خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىنى بەكمۇ ياختۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان خەلقلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى قانچىلىك ياختۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىشكەكتە تونۇلغان پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچى گۈلبوستان ئەنساروۋاغا مۇراجىئەت قىلدۇق. گۈلبوستان خانىم قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرىغا بولغان قىزىقىشنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇل توپلىرىنىڭ بەدىئىي رەھبەرلىرىگە بولغان مىنەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا قىرغىزىستاندا «دىل ساداسى» ئانسامبىلىنىڭ كونسېرتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كونسېرتتا قىرغىز، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، رۇس، ھەتتا ھىندى ۋە ئەرەب ئۇسسۇللىرى ئورۇندالدى. «دىل ساداسى» ئانسامبىلى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇللىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسۇللىرىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. مەزكۇر كونسېرتقا قاتناشقان بېلوۋودسك كەنتىدىن كەلگەن گۈلشات ئەلىيېۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇستاز شاھادەت ئەھمەتوۋاغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى كۈنلەردە قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى خېلى ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەر بىر ئۇسسۇل توپىنىڭ نومۇرلىرىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلىغىمۇ ئورۇن بېرىلمەكتە. «يۇلتۇز» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل گۇرۇپپىسى ھەتتا خەلقئارالىق ئۇسسۇل مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، مۇكاپاتلارغا ئېرىشمەكتە. يەنە بىر تونۇلغان ئۇسسۇل توپى قارا-بالتا شەھىرىدىكى «سەنەم» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل گۇرۇپپىسىدۇر. ئۇندىن باشقا بالېت توپى «تومىرىس» ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي رەھبىرى يۇلىيا مۇھاممەت ئالىيېۋا، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى بىلەن قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندا تونۇلغاندۇر.