قىرغىزىستاندا كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ۋاپات بولغانلار ئۈچۈن دۆلەت بويىچە ماتەم تۇتۇلدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى سورونباي جېيېنبېكوفنىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن كورونا ۋىرۇسى كېسىلى سەۋەبىدىن قازا تاپقانلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن 30-ئىيۇل كۈنىنى «ماتەم كۈنى» دەپ بەلگىلىدى.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇس كېسىلى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ، بىر چوڭ ئاپەتكە ئايلاندى. دۇنيا ساھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر شارى بويىچە بۇ كىسەل بىلەن 16 مىلىيوندىن ئوشۇق كىشى يۇقۇملانغان. جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 666 مىڭ كىشى قازا تاپقان.

6 مىليۇن ئاھالىسى بار قىرغىزىستاندا تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇمغانلارنىڭ سانى 35143 ئادەمدىن ئاشقان، 1364 كىشى بۇ كىسەلدىن قازا تاپقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقار قاسىمى تور ئارقىلىق جامائەتتىن ئەھۋال سورىدى. قازا قىلغان ئۇيغۇرلارغا بولغان چوڭقۇر تەزىيەسىنى بىلدۈردى شۇنداقلا كۆپچىلىككە سەبىر ۋە سالامەتلىك تىلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھېررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە، بولۇپمۇ «ئىتتىپاق»گېزىتىنىڭ ۋاقتىدا چىقىشىغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۈگۈن قىرغىزىستان دۆلىتى بويىچە ‹ماتەم كۈن› دەپ بەلگىلىنىپ، قازا قىلغانلار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى قىرغىزىستاندا يېقىنقى ئىككى-ئۈچ ئاي ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋاپات بولدى شۇنداقلا ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەردىن ئايرىلىپ قالدۇق. بۈگۈنكى ماتەم كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر بىر ئائىلىدە مەرھۇملارغا ئاتاپ دۇئا قىلىنۋاتىدۇ. مەن قىرغىزىستاندا چىقىدىغان ‹ئىتتىپاق› گېزىتى نامىدىن خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان مەرھۇملارنىڭ ئائىلىسىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن

بۇ يىل قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ‹ئىتتىپاق› جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزەلمەي

قالدى. مەسىلەن، ھەر يىلى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ‹ئىتتىپاق› جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى

بىلەن فېۋرال ئېيىدا ‹غۇلجا قىرغىنچىلىقى› نى، ئاپرېل ئېيىدا ‹بارىن قىرغىنچىلىقى› نى، ئىيۇل

ئېيىدا ‹ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى› نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇ يىل جامائەت باشقا ئاممىۋىي مۇراسىملارى، توي-تۆكۈنلەر ۋە بەزمىلەرنى ئۆتكۈزەلمەي توختاپلا قالدى.»

كورونا ۋىرۇسى ئاغرىقى 2019-يىلنىڭ ئاخىرىلىرىدا پەيدا بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا

مەملىكەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن قىرغىزىستاندا 2020-يىلنىڭ مارت ئېيىدا بىرىنچى قېتىم

بايقالغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىسەلگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قىرغىزىستاندا جىددىي

ھالەت، كارانتىن، ماسكا تاقاش، مەكتەپ ۋە مەسچىتلەرنى تاقاپ، دۇنيا سەھىيە

تەشكىلاتى تەۋسىيە قىلغان چارە-تەدبىرلەر قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا

ۋىرۇس قاتتىق يامراپ كەتتى، دوختۇرخانىلاردا ئورۇن يوق بولغاچقا ئادەملەر

دوختۇرخانىلارنىڭ ئىشىكلىرى ئالدىدا قازا قىلىشتى. ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە سىستېمىسى بۇ

كىسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۆزىنىڭ تەييارسىزلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنداق بىر ھالەتتە ئاددىي كىشىلەر ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشتى. بەزىلىرى نەپەس ئالىدىغان ئاپپاراتلارغا پۇل توپلاشتى، بەزىلىرى دوختۇرلارغا سۇ، تاماق-ئاش ۋە شەخسىي سالامەتلىكىنى قوغداش

بويۇملىرىنى ئاپىرىپ تۇرماقتا، يەنە باشقا پىداكارلار ئۆز كۈچلىرى بىلەن دوختۇرخانە ۋە

كۈندۈزلۈك شىپاخانىلارنى ئاچماقتا. چۇ ۋىلايىتىنىڭ سوقۇلۇق ناھىيەسىدىكى چەتكۆل

يېزىسىدا بىر مەشرەپ يىگىتلىرى تۆت يېزا تۇرغۇنلىرى ئۈچۈن ئۆز كۈچى بىلەن شىپاخانا

ئاچىشتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر شىپاخانىسىنىڭ تەشكىللىگۈچى

قىرغىزىستاندا كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتى بىلەن «مەتەم كۈنى» بەلگىلىشىنىڭ توغرا

بولغانلىقىنى بىلدۈردى. «قىرغىزىستاندا ماتەم كۈنىنى ئېلان قىلىنغانلىقىنى مەن توغرا كۆرىمەن، چۈنكى ۋىرۇسنىڭ قايتىدىن يامراپ كېتىشىنىڭ ۋەھىمىسى بار. ئەلۋەتتە، ئادەملەر بىلىش كېرەك، بۇ ناھايىتى ئېغىر كىسەل. بۇ كىسەلدىن نۇرغۇن كىشىلەر قازا تاپتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھايات قېلىشنى ئويلىغان، ئامما ئەپسۇس. . . بۇ ئېغىر كۈنلەردە بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ئۆزىنىڭ تەييارسىزلىقىنى ۋە مەغلۇبىيىتىنى كۆرسەتتى. پۇقرالىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۆز غېمى بىلەن قېلىشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن، ماتەم كۈنى ئېلان قىلىش-بۇ كېرەكلىك نەرسە.»

سۆھبىتىمىز داۋامىدا دوختۇر ئەپەندى بۇ كىسەلنىڭ ۋاقىتلىق پەسىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ پىدائىيلار ۋە شىپاخانىلاردا ۋاقتىدا ئېلىنىۋاتقان سەھىيە ياردىمىنىڭ نەتىىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. لېكىن بۇ كۈندۈزلۈك شىپاخانىلارغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچ بىر ياردەم بىرىلمىگەن بولۇپ،

شىپاخانىلارنىڭ تاقىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى: «بۇ ئاغرىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىساق، ئاللاغا شۈكرى، يۇقۇم پەسەيدى، چۈنكى ھازىر

ئادەملەر خالىسانە ئېچىلغان شىپاخانىلاردا ۋاقتىدا سەھىيە ياردىمىنى ئېلىپ كېرەكلىك

پايدا قىلىدىغان دورىلار بىلەن داۋالاندى، قاتتىق ئاغرىقلار ۋە نەپەس ئالالمايدىغان

بىمارلار ئاز بولدى. بىزنىڭ خەلقىمىزگە چوڭ رەھمەت، پىدائىيلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزلىرى

كۈچ چىقىرىپ، يېزىلاردا شىپاخانىلارنى ئېچىپ ئەللەرگە ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، بىمارلارنى

ئەگەشمە كېسەللەرگە يەتكۈزمەي داۋالىۋاتىدۇ. خەلق ھازىر ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىغا

بارماي، موشۇ خالىسانە ئېچىلغان دوختۇرخانىلاردىن ياردەم ئېلىپ تۇرماقتا، يەنە بىر

نەرسىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشۈم كېرەككى، موشۇ ئاغرىقنىڭ پەسەيگىنى بۇ پىدائىيلار ئاچقان

شىپاخانىلارنىڭ نەتىجسى، چۈنكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا ھازىرغىچە ئورۇن يوق، ھەم

بىمارلار دوختۇرلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىماقتا. ھازىرچە بىز موشۇ كۈندۈزلۈك

شىپاخانىلارنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ شىپاخانىلارغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچ

ياردەم يوق، دوختۇر ۋە سېسترىلارغا مۇئاشىنى بېرىشكە ئامال بولماي قېلىۋاتىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ساخاۋەتلىك تەشكىلاتلارغا مۇراجئەت قىلىمەن، مۇمكۈنچىلىك بولسا

يېزىلاردىكى شىپاخانىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشىنى سورايمەن.»

نۆۋەتتە كورونا ۋىرۇسى كىسەلىگە قارشى تۇرۇش گرۇپپىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ساخاۋەتلىك

پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلماقتا. بۇ كىسەلگە قارشى تۇرۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ ياردەم

كۆرسەتكەن «سەجدە» كىيىم شىركىتىنىڭ ساھىبى ئەزىز ئىسماھەمبېتوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل

قىلىپ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ كۈنلەردىن بىرسى بولغان قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ۋىرۇستىن قازا تاپقانلارنى ئەسلەپ ۋە دۇئا قىلىشىنى ئەڭ توغرا كۆرگەنلىگىنى بايان قىلدى: «30-ئىيۇل كۈنى ماتەم كۈن دەپ بەلگىلەندى. مەن ئويلايمەنكى، بۇ توغرا چىسلا، چۈنكى بۇ كۈن مۇقەددەس ھارپا كۈنىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ كۈنى بارلىق مۇسۇلمانلار ئاللاغا دۇئا قىلىدىغان

كۈن، كۆپ كىشىلەر روزى تۇتىدۇ ۋە ئائىلىسى بىلەن ئىپتار قىلىپ، مەرھۇملارغا ئاتاپ، قۇرئان

تىلاۋەت قىلىدۇ، موشۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە بىز ھەممىمىز بۇ ۋابادىن قازا تاپقانلارنى

ئەسلەپ ئۇلارغا دۇئا قىلىشىمىز، بۇ كېسەلنىڭ دۆلىتىمىزدىن غايىب بولۇشىنى تىلەپ دۇئا

قىلىشىمىز كېرەك.»

رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا قىرغىزىستاندا 60 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ.

ئۇلار ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ۋە چۇ ۋىلايىتىدىكى يېزا-شەھەرلەرگە ئورۇنلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋىلايىتىنىڭ «قەشقەر قىشلاق» يېزىسىدا ۋە جالالئاباد ۋىلايىتىدە ياشايدۇ. ئەپسۇسكى، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۆزبەك خەلقى بىلەن ئاسسىمىلىياتسىيە بولۇپ كەتكەن. لېكىن بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇلارنىڭ مىللىي روھى كۈچىيىپ، تارىخىي ۋەتىنىدىكى مەسىلىلىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىماقتا.