6-ۋە 13-ئىيۇل كۈنلىرى قىرغىزىستاندا ئىككى جۇمھۇرىيەتلىك فېستىۋال بولۇپ ئۆتتى. شۇ ئىككى فېستىۋالغا ئۇيغۇر جامائىتى ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۇيغۇر چېدىرلىرىنى قۇردى. بىرىنچىسى «قىمىز فېست» دەپ ئاتىلىپ، بىشكەك شەھىرىنىڭ يېنىدىكى چوڭقۇرچاق دېگەن تاغلىق بىر جايدا ئۆتتى، ئىككىنچىسى «توڭور فېست» دەپ ئاتىلىپ، ئىسسىقكۆل ۋىلايىتىدىكى قاراقول شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئۆتتى. بۇ ئىككى فېستىۋال قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروفنىڭ پەرمانى بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتتە ياشاۋاتقان مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ۋە خەلقئارالىق ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغان.

چوڭقۇرچاقتا ئۆتكەن «قىمىز فېست» مۇراسىمغا چۇي ۋىلايىتىنىڭ تەركىبىدىكى رايونلار قاتنىشىپ ھەر بىر رايون ئۆزلىرىنىڭ مىللەتلەر ئارا دوستلۇقىنى كۆرسىتىپ مىللىي چېدىرلار قۇردى. ئۇيغۇر چېدىرلىرىنى قارا-بالتا، كومسومول ۋە ئالاتوو مەھەللىلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى قۇردى. ھەر بىر چېدىر ئۇيغۇر مىللىي بۇيۇملىرى ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن زىننەتلەندى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي تائاملىرى بىلەن چېدىر مېھمانلىرى كۈتۈۋېلىندى.
مەزكۇر فېستىۋالىنىڭ قاتناشقۇچىسى كومسومول مەھەللىسى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ماھىگۈل ئەزىزوۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر فېستىۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى نامايان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«قىمىز فېست» مۇراسىمىغا كۆپلىگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر، مۇخبىرلار ۋە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى قاتناشتى. ئۇيغۇر چېدىرلىرىنى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئاقىلبېك جاپاروف زىيارەت قىلىپ يۇقىرى باھا بەردى. مەزكۇر فېستىۋال نەتىجىسىدە ئالاتوو مەھەللىسىنىڭ ئۇيغۇر چېدىرى بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى. قار-بالتا ۋە كومسومول يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەقدىرنامىلەر ۋە سوۋغاتلارغا ئىگە بولدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرچە «تەڭرى تاغ سادالىرى» راديىو پىروگراممىسىنىڭ مۇخبىرى نىلۇفەر ھاشىموۋا خانىم مۇراسىم داۋامىدا ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىنىڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشلىرىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى رەئىسى چەشمە مۇختاروۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چەت ئەللىك مېھمانلارنىڭمۇ ئۇيغۇر چېدىرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى ئوينىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالدى.
13-ئىيۇل كۈن ئىسسىقكۆل ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان قاراقول شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا «توڭور فېست» دەپ ئاتالغان فېستىۋال بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر فېستىۋالغا ئىسسىقكۆل تەۋەسىدە ياشاۋاتقان مىللەتلەر قاتناشتى. ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ باي مەدەنىيىتى، كۆپ يىللىق تارىخى، ئىلىمپەرۋەرلىكى ۋە مېھماندوستلۇقىنى نامايان قىلىشتى. مەزكۇر مۇراسىمنىڭ قاتناشقۇچىسى فىلولوگىيە پەنلىرى پىروفېسسورى سەيفۇللا ئابدۇللايېف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پىروگراممىسىنىڭ بەك مەزمۇنلۇق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى كۆرسىتىلدى ۋە قازاقىستاندىكى دولان ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ ئارتىسلىرى ئۆز نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.

قىرغىزىستان، ئۇيغۇر دىيارى ۋە قازاقىستاندىن قاسىلا ئۇيغۇرلا ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەت دەپ قارىلىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسى جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بەشىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەت تۇپراقلىرىدا قەدىمدىنلا ياشاپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى يەنە 19-ئەسىردە ۋە 1955-1965 يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى بىشكەك شەھىرى ۋە چۇي ۋىلايىتىگە، يەنە بىر قىسمى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىغا ۋە ئىسسىقكۆل ۋىلايىتىنىڭ قاراقول ۋە بالىقچى شەھەرلەرگە تارقالغان. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر دىيارى بىلەن چېگرا بولغان نارىن ۋىلايىتىگىمۇ ئورۇنلاشقان. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىمكان قەدەر ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا.