قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرى قىزىقىش قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاھالىسى ئارىسىدا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرغىب قىلىش، ساقلاش ۋە ئۇنى يېڭى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش ئومۇمىي قىزغىنلىق شەكلىدە داۋاملاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى قىرغىزىستان ئاھالىلىرى ئارىسىغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل سەنئىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، جۈملىدىن قىرغىزىستاندىكى ئاساسىي مىللەت قىرغىزلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت ئۈلگىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھەتتا بىشكەك شەھىرىدىكى رېستورانلاردا، كۇلۇبلاردا ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىلارغا جور بولۇپ، ئۇسسۇل ئويناش ئومۇمىي ئەھۋالغا ئايلانغان.

ئۇيغۇر ئۇسسۇل ماھارىتى دەرسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 26-مارت، بىشكەك
ئۇيغۇر ئۇسسۇل ماھارىتى دەرسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 26-مارت، بىشكەك (RFA/Feruza)

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىنىڭ مەستانىلىرى كۆپىيىپ ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىغا بولغان قىزىقىش ۋە ئۇنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئاشماقتا.

26-مارت قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى بويىچە 4-نۆۋەتلىك ئۇسسۇل ماھارىتى دەرسى بۇنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسىدۇر.

ئۇسسۇل ماھارىتىنى ئۆگىنىش دەرسى قىرغىزىستاندىكى «يۇلتۇز» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى گۈلناز مەخسۇتوۋانىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈلناز خانىم شۇ ئۇسسۇل ماھارىتى دەرسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى قىرغىزىستاندىكى ئۇسسۇلچىلارغا ئاساسلىق ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ۋە مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى بويىچە ماھارەت دەرسى بولۇپ ئۆتتى، بۇ دەرسكە مېنىڭ ‹يۇلتۇز› ئانسامبىلىمدىن سىرت يەنە باشقا يەنە ناخشىچىلار ۋە قىرغىز ئۇسسۇللىرى توپلىرىنىڭ ئۇسسۇلچىلىرى، ئۇستازلىرى قاتناشتى. بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمىز مىللىي ئۇسسۇل مەسىلىلىرى ھەققىدە بىلىم بېرىش ۋە باشقا مىللەتلەر ھەم باشقا مىللەت ئۇسسۇل ئۇستازلىرىغا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشتۇر. »

گۈلناز خانىم يەنە قىرغىزىستان ئاھالىسى «چىنە ئۇسسۇلى» ۋە كېيىنكى يىللاردا «دولان ئۇسسۇلىنى» نى بەك ياقتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا قىزىقىدىغان رۇس قىزى ۋىكتورىيە (Victoria). 2024-يىلى 26-مارت، بىشكەك
ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا قىزىقىدىغان رۇس قىزى ۋىكتورىيە (Victoria). 2024-يىلى 26-مارت، بىشكەك (RFA/Feruza)

قازاقىستاندا داڭقى چىققان «دولان» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل ئاكادېمىيەسىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى بەختىيار ئىمران قىرغىزىستانغا دەۋەت قىلىنىپ بىر توپ ئۇسسۇلچىلارغا ئۇسسۇل ماھارىتى دەرسى بەردى. ئۇ، ئۇسسۇل دەرسلىرى جەريانىدا ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە مەدەنىيەت قىممىتى ھەققىدىمۇ سۆزلىدى. مەزكۇر دەرسلەرگە پەقەت ئۇسسۇلچىلارلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىغا قىزىققان باشقا مىللەت قىزلىرىمۇ قاتناشتى. ياش ئۇسسۇلچى قىز مېئېرىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدىن «دولان» ئۇسسۇلىنى بەكرەك ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى: «مېنىڭ ئىسمىم مېئېرىم مەن ‹يۇلتۇز› توپىدا ئون يىلدىن بۇيان ئۇسسۇل ئويناۋاتىمەن، مېنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئۇسسۇلۇم بۇ ‹دولان› ئۇسسۇلى، چۈنكى ئۇ باشقا ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدىن بەك پەرقلىنىدۇ. بۈگۈنكى ماھارەت دەرسىدە مەن ‹دولان› ئۇسسۇلى توغرىسىدا ئېرىشكەن بىلىملەردىن بەك خۇرسەنمەن. بۈگۈن بىز يېڭى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئۆگەندۇق شۇنداقلا ‹دولان› نىڭ ئوۋچىلار ئۇسسۇلى ئىكەنلىكى ۋە كىيىمنىڭ رەڭلىرى نەقەدەر مۇھىم بولغانلىقىنى ئۆگەندۇق. قارا رەڭ زېمىننى، ئاق رەڭ ئاسماننى ۋە قىزىل رەڭ يالقۇننى سىمۋول قىلىدىكەن. بىزگە مۇشۇنداق بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن بىزنىڭ رەھبىرىمىز گۈلناز خانىمغا ئۆز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» .

مەزكۇر پائالىيەت بىشكەك شەھىرىدىكى ئالامېدىن 1-مەھەللىسىدىكى «ئومات» ئۇسسۇل مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «دولان» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى بەختىيار ئىمران ئۆزىنىڭ قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى بويىچە تۆتىنچى قېتىم دەرس بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىغا باشقا مىللەتتىكى قىزلارنىڭ قىزىقىشىدىن بەك خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتىپ، بۈگۈنكى دەرسىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختالدى.

ياش ئۇسسۇلچى ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى سىزغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 26-مارت، بىشكەك
ياش ئۇسسۇلچى ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى سىزغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 26-مارت، بىشكەك (RFA/Feruza)

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆز مەدەنىيىتىنى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ 2013-يىلى بىر توپ ياش سەنئەتكارلارنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە بىر يىللىق كۇرسقا ئەۋەتكەن، شۇ ياش سەنئەتكارلارنىڭ ئارىسىدا گۈلناز مەخسۇتوۋامۇ بار. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، جۈملىدىن مىللىي ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىلايەت يېزىلىرىغا ھەم جەنۇبتىكى ئوش ۋە جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىگە تارقالغان. لېكىن ئۆز مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى ساقلىغان ئاساسىي قىسىم بىشكەك شەھىرى ۋە ئەتراپىغا ئورۇنلاشقاندۇر.