قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆز زىيالىيلىرى بىلەن ئۇچراشتى
2023.06.27
24-ئىيۇن كۈنى بىشكەكتە قىرغىزىستان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى. مۇراسىم قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئىلىم-پەن كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش، شۇنداقلا بىرلىكتە نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش مەقسەت قىلىندى.
مۇراسىم بىشكەك شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى «ئارزۇ» قەھۋەخانىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر پائالىيەتكە مەشھۇر رەسسام سابىتجان باباجانوۋ، مېدىتسىنا ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە خىزمەت كۆرسەتكەن پروفېسسور ۋە كاندىدات نامزاتلار، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك تەقدىرنامىلەرگە ئېرىشكەن جامائەت ئەربابلىرى بولۇپ 24 ئۇيغۇر زىيالىيسى قاتناشتى.
مەزكۇر پائالىيەت «يۇلتۇز» ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ «قىزىل گۈل» ئۇسسۇلى بىلەن تەنتەنىلىك باشلاندى. يىغىننىڭ باشلىنىشىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنتاي سالىموۋ يىغىن ئەھلىگە قىزغىن سالام يوللاپ، بۇ قېتىمقى مۇراسىمنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى. شۇنداقلا ئانا تىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان سابىتجان باباجانوۋ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى مۇراسىمدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
مۇراسىم داۋامىدا قىرغىزىستاندىكى مەرھۇم ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېۋنىڭ قىزى ئاززۇخان نارىنبايېۋا ئۆز دادىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. بولۇپمۇ ئۇ ئەزىز نارىنبايېۋنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك خاراكتېرىنى تىلغا ئالدى. يىغىندا يەنە دوختۇر ۋە جامائەت ئەربابى مەرھۇم نازىم قەمبىرى توغرىسىدا سىڭلىسى نۇرانىيا قاسىموۋا دوكلات بەردى.
پائالىيەت داۋامىدا يىغىن ئىشتراكچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتى ۋە ئۇتۇقلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. مەلۇم بولغىنىدەك يىغىن مەيدانىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىر-بىرسىنى تونۇشمايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز خەلقى ئىچىدە مۇشۇنداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىشتى. «مۇنەۋۋەر مائارىپ ئەربابى» نامىغا ئېرىشكەن دىلبار باياخۇنوۋا رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن داۋامىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر، جۈملىدىن ئانا تىل مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل مۇراسىمنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا تۇنجى قېتىم بولۇۋاتقان ئىشلاردىن ئىكەن. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئىلىم-پەن كومىتېتىنىڭ رەئىسى نېلىفەر غازىيېۋانىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇراسىم ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرى بىلەن تونۇشتۇرۇش ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان. نېلىفەر خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشماقچى بولغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.
قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەتتە مىليون نوپۇسلۇق بىر مەملىكەت بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ بەش پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە ھەر ساھە بويىچە يېتىشىپ چىققان، شۇنىڭدەك ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ ئالىي دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، ھەتتا خەلقئارالىق سەھنىلەردە داڭق چىققان ئىنسانلار ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قىرغىز سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق تۆھپە قوشقان كىنو ئارتىسى ئايتۇرغان تېمىروۋا، سوۋېت ئىتتتىپاقىنىڭ تەنتەربىيە ماھىرى، داڭلىق پۇتبولچى يۈسۈپ مۇسايېۋ، مەرھۇم ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېۋ، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ چولپان يۇلتۇزلىرىدىن مەرھۇم ئايتۇرغان ھاسانوۋا، قىرغىزىستان خەلق ئارتىسى سۇلتان كەرىموۋ، قىرغىزىستان سەنئىتىگە تۆھپە قوشقان رەسسام سابىتجان باباجانوۋ، قىرغىزىستان سەنئىتىگە ئەمگەك سىڭدۈرگەن رەسسام تەلئەت مىرراھىموۋ، «سەھىيە مۇنەۋۋەر ئەربابى» ، پروفېسسور نۇرمۇھەممەد باباجانوۋ ۋە باشقىلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.