ئاخىرقى ۋاقىتلاردا قىرغىزىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يورۇتۇۋاتقان ئاساسىي ۋە قىزىقارلىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم. مەزكۇر خەۋەرلەردە يورۇتۇلۇشىچە، مەملىكەتتە پارلامېنت-ئالىي كېڭىشىنىڭ سايلىمى ئۆتۈپ، ئۇنىڭ يەكۈنلىرىگە نارازى بولغان بىر نەچچە پارتىيەلەر تەرەپدارلىرى پايتەخت بىشكەك شەھىرىدە ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، سايلام يەكۈنلىرى بىلەن قەتئىي كېلىشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىكەن. نەتىجىدە نامايىشچىلار ۋە ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن.
«قىرغىزىستان رۇ» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان ۋلادىمىر ۋورسوبىننىڭ «ئۈچىنچى قىرغىز ئىنقىلابى: جۇمھۇرىيەت نېمە ئۈچۈن ئىسىيان كۆتۈردى، بۇ كىمگە پايدىلىق ۋە بۇنىڭدىن كېيىن نېمىنى كۈتۈشكە بولىدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاممىۋى قارشىلىقلار پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن باشلانغانىكەن. سايلامدا مەملىكەت پرېزىدېنتى سورونباي جېيېنبېكوف تەرەپدارى بولغان ئىككى پارتىيە، يەنى «بىرىمدىك» ۋە «مېكېنىم قىرغىزىستان» پارتىيەلىرى كۆپچىلىك ئاۋازغا ئىگە بولغان. بۇ قالغان 11 پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان. نەتىجىدە ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارشى رېزىنىلىق ئوقلارنى، كۆزدىن ياز ئاققۇزىدىغان گاز ۋە باشقىلارنى ئىشلەتكەن. نامايىشچىلار ھۆكۈمەت ئۆيىگە ئۆت قويۇۋېتىپ، دۆلەت مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ بېناسىنى بېسىۋالغان. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە دۆلەت مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈلگەن. توقۇنۇش ئاقىۋىتىدە 590 ئادەم يارىدار بولۇپ، بىر ئادەم ئۆلگەن.
ماقالىدا يەنە دېيىلىشىچە، نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاھالىنىڭ ئىشسىز قېلىشى، مەملىكەتتە ئەۋج ئېلىۋاتقان ھەددىدىن ئاشقان پارىخورلۇق ھەم بۇنىڭغا پرېزىدېنت يېقىنلىرىنىڭ چېتىشلىق بولۇشى سەۋەب بولغانىكەن.
«پەرغانە رۇ» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قىرغىزىستاندا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېڭەشلىرىنىڭ سانى بىر سۇتكىنىڭ ئىچىدە بىردىن ئۈچكە كۆپەيدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، 7-ئۆكتەبىردە مەملىكەتتە ئۈچ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىنغانىكەن. بۇ 11 پارتىيەدىن قۇرۇلغان كېڭەش، خەلق ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېڭىشى ۋە پۇقرالار ئاكتىپلىرىنىڭ ئۇيغۇنلۇشتۇرۇش كېڭىشىكەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرلاشتۇرۇش كېڭەشلىرى بىرلىككە كېلەلمەي، ھەر قايسى ھۆكۈمەت لاۋازىملىرىغا ئۆز نامزاتلىرىنى كۆرسەتمەكتىكەن.
«مەركىزىي ئاسىيا» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «بىشكەك: ئاغدۇرۇلغان ‹پرېزىدېنت› جېينبېكوف پەرمان بىلەن بورونوفنىڭ قوغلانغان ‹ھۆكۈمىتى› نى ئىستېپاغا ئەۋەتتى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، جېيېنباكوف ھۆكۈمەت ۋە باش مىنىستىرنىڭ ئىستېپاسىنى ئىمزالىغان بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتتە مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ يېڭى تەركىبى شەكىللەنگۈچە باش مىنىستىرنىڭ ئورۇنباسارى ۋە مىنىستىر ۋەزىپىلىرىنى ئىگىلىگەنلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەزالىرى ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشنى داۋام قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
«ر ب ك» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «باياناتچى قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ تۇرغان جايىنى ئېيتتى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، سورونباي جېيېنبېكوف ھازىر بىشكەكتە سىياسىي كۈچلەر بىلەن مۇزاكىرىلەرنى يۈرگۈزۈۋاتماقتىكەن. ئىلگىرى پرېزىدېنتنىڭ تۇرغان جايى نامەلۇم بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ ئوش شەھىرىدە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.
بەزى مەتبۇئاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىزىستاندا ئورۇن ئالغان ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا قىرغىزىستانغا قوشنا خىتاينىڭ بۇ ئەلدىكى ۋەزىيەتكە بقارىتا پوزىتسىيەسى مەلۇم بولغانىكەن.
خىتاينىڭ CGTN تېلېۋىزىيە تورى ئېلان قىلغان «خىتاي قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى تەرەپنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ قىرغىزىستاننىڭ ھەر قانداق ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەيدىكەن.
يەنە بىر ماقالە «سۋوبودنايا پرېسسا» تور بېتىدە بېرىلگەن سېرگېي ئاكسېنوفنىڭ «نېمە ئۈچۈن كرېمىل خىتاينى پۇتلىكاشاڭ قىلىپ، قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتنى قولدىن چىقىرىپ قويدى» دېگەن ماقالىسىدە رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى لېئونىد كرۇتاكوفنىڭ تۆۋەندىكى قارىشى كەلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ھەمدە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ-بىر يول» پىلانىنىڭ بۇزۇلۇشىكەن. سەۋەبى مەركىزىي ئاسىيا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان مەزكۇر پىلان ئۈچۈن ھەل قىلغۇچى ھالقا ئىكەن.
ئەمدى رۇسىيەنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى خىتاي ئىقتىسادى ۋە سىياسىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سېرگېي لۇكونىن قىرغىزىستاندىكى كرىزىسنىڭ خىتاي مەنپەئەتلىرىنى ئورنىدىن قوزغىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاي قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتكە ئېتىبار بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۈچۈن بۇ ۋەقەلەر ئەھمىيەتلىك ئىكەن، سەۋەبى قىرغىزىستان خىتاي ئۈچۈن مەبلەغ سالىدىغان رايونلارنىڭ بىرىكەن. ھەر قانداق سىياسىي مۇقىمسىزلىق خىتاينىڭ ئىقتىسادىي لايىھەلىرىنى خەۋپكە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنكەن.
قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس ئادىل تۇردۇقۇلوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەزكۇر ۋەقەلەر جەريانىدا پەقەت خىتاي شىركەتلىرىلا ئەمەس، بەلكى رۇسىيەنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى بولغان بىر شىركىتىنىڭ قورال-جابدۇقلىرى بېسىۋېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن زەرداب چەكتى. باشقا چەتئەللىكلەرنىڭ، شۇ جۈملىدىن خىتاينىڭ تەبىئىي بايلىقلار كانلىرىمۇ زىيان تارتتى. بۇ قايسى مەملىكەتلەرنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى بولۇشىغا باغلىق بولماي، بەلكى بۇ ئىشلار يەرلىك ئاھالە بىلەن كېلىشىلمىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ھېسابقا ئېلىنمىغانلىقتىن يۈز بەردى، دەپ ئويلايمەن. بۇ شەكىلدىكى ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما مۇنداق كەسكىنلىكلەرنىڭ مەنبەسى ھەل قىلىنىدۇ.»
ئادىل تۇردۇقۇلوف قىرغىزىستاندىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، ئەمما قىرغىزىستانلىقلارنىڭ مۇنداق كەسكىن ۋەزىيەتلەرنى يېڭىپ چىقىشتا تەجرىبىسى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەن پارلامېنتىمىز ۋەزىيەتنى كونترول ئاستىغا ئېلىپ، جەمئىيىتىمىز ئۇنىڭ ئالدىغا قويغان ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرالايدۇ دەپ ئويلايمەن. يەنى كەڭ دائىرىدە ئۆكتىچى كۈچلەرنى بىرىكتۈرگەن ھالدا ھۆكۈمەت قۇرالايدۇ، سايلاملارنى ئەركىن ئۆتكۈزەلەيدۇ دەپ ئىشىنىمەن.»
ئۇ يەنە مەملىكەت پرېزىدېنتىنى سايلاش مەسىلىسىدىمۇ تېگىشلىك چارىلەرنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى، ئۆكتەبىر ۋەقەلىرىدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تۇراقلىشىدىغىنىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە كەلگۈسىدىكى سايلاملاردا ئاۋازنى سېتىۋېلىش ئەھۋاللىرىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستانلىق سىياسەتۇشناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، بىشكەكتە ئۆتكەن نامايىشقا ئاساسەن تالاس، ئوش، توقماق ۋە باشقىمۇ ۋىلايەتلەردىن كەلگەن ياشلار قاتناشقان بولۇپ، بەزىلەر بۇ نامايىشقا 15 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتناشتى دېسىمۇ، ئەمما ساقچىلار بۇنى يوققا چىقىرىپ، 7-8 مىڭ ئادەم قاتناشتى دېگەن مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتىكەن. ئۇ نامايىشچىلارنىڭ ئىككى-ئۈچ ئايدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ، ئاندىن نۆۋەتتىن تاشقىرى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش ئىستىكىدە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئىلگىرىكى پرېزىدېنتلارنى، ئەمەلدارنى ھۆكۈمەت بېشىغا كەلتۈرمەي، بۇنىڭغا پەقەت ياشلارنى جەلپ قىلىش تەشەببۇسىنى كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رەھىم ھاپىزوف ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەقەگە قاتناشقانلىقى توغرىلىق ئۆز پىكرىنى بىلدۈردى.
ئۇ مەزكۇر نامايىشتا خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى شىركەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئەلگە بېسىپ كىرىشى ھەققىدىمۇ سۆز بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنداق سۆزلەرمۇ بولدى. بىز مۇستەقىل ياشىشىمىز كېرەك، كرېدىتلارنى ئېلىۋاتىمىز، قاچان تۆلەيمىز، بۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا، نەۋرىلىرىمىزگە قالامدۇ دېگەندەك. بىز مەدەنىي سودا ئالاقىلىرىنى يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك، ئەمما خىتايدىن كېلىۋاتقان چوڭ-چوڭ كرېدىتلارنى ئالماسلىقىمىز كېرەك، بۇ خەۋپلىك ئىش. ئۆتكەن ئىنقىلاپلاردا مۇنداق سۆزلەر بولمىغان ئىدى.»
رەھىم ھاپىزوف بۇ قېتىمقى نامايىشلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر بىر زەرداب چەكمىگەنلىكىنى، بارلىقىنىڭ ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن بەند ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، 2005-يىلى يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە مەملىكەت پرېزىدېنتى ئاسقار ئاقايېف ئاغدۇرۇلغان بولسا، 2010-يىلى يەنە ئەنە شۇنداق ۋەقەلەر ئورۇن ئېلىپ، بۇ قېتىمدا قۇرمانبېك باقىيېف مەملىكەتنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. شۇ يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋىلايىتىدە مىللەتلەر ئارا توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ، مىڭلىغان ئادەملەر زەرداب چەككەن ئىدى.
0:00 / 0:00