قىرغىزىستان خىتايغا «گۇمانلىق كىشىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش» ھەققىدە ۋەدە بەرگەن

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىر جاپپاروفنىڭ بۇ يىل 18-ماي كۈنى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» مەزگىلىدە، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم كېلىشىم تۈزۈپ، «شەرقىي تۈركىستان تېرورلۇق كۈچلىرى» گە قارشى كۈرەش قىلىش، خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللاش ۋە «گۇمانلىق كىشىلەر» نى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، قىرغىزىستان شىئەندىكى شۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشقان ئ‍وتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىچىدە خىتاي بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمىدە «شەرقىي تۈركىستان تېرورلۇق كۈچلىرى» نى تىلغا ئالغان ۋە «گۇمانلىق كىشىلەر» نى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان بىردىن-بىر دۆلەت ئىكەن.

بۇ يىلنىڭ 18-ۋە 19-ماي كۈنلىرىدىكى شىئەن يىغىنىغا قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېف، تاجىكىستان پرېزىدېنتى راخمانوف، تۈركىمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى مىرزىيايېف ۋە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىروفلار قاتناشقان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ قېتىملىق يىغىندا پرېزىدېنت جاپپاروفنىڭ خىتاي بىلەن ئىمزالىغان 11 ماددىلىق «يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمى» نىڭ ئاز دېگەندە 3 ماددىسى ئۇيغۇر رايونىغا چېتىشلىق بولغان.

كېلىشىمدە قىرغىزىستان تەرەپ «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى يۇقىرى دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقى» ؛ خىتاي تەرەپنىڭ «شىنجاڭدا بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

كېلىشىمدە يەنە ئىككى تەرەپنىڭ «بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقى، ئىككى تەرەپ كەسپىي ئورگانلار ئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستىخبارات ۋە ئۇچۇرنى ئورتاقلىشىش، چېگرانى كونترول قىلىش، چوڭ پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، گۇمانلىق كىشىلەرنى قايتۇرۇش ۋە مۇداپىئە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى، شەرقىي تۈركىستان تېرورلۇق كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېرورلۇق، رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىكتىن ئىبارەت ‹3 خىل كۈچلەر› گە ئورتاق زەربە بېرىش، ئىككى دۆلەت ۋە رايون بىختەرلىكى ھەم مۇقىملىقىنى قوغدايدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

كېلىشىمدە قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ يەنە پۇل يۇيۇش، زەھەرلىك چېكىملىك، قورال-ياراق ئەتكەسچىلىكى، تور جىنايىتى، چېگرا ھالقىغان تەشكىللىك جىنايى ھەرىكەتلەر، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھەرىكەتلىرىگىمۇ زەربە بېرىدىكەن. قىرغىزىستاننىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان تېرورلۇق كۈچلىرى» گە قارشى تۇرۇشتا خىتاي بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقى ھەيران قالارلىق تەرەققىيات بولمىسىمۇ، لېكىن پرېزىدېنت جاپپاروفنىڭ كېلىشىمدە «گۇمانلىق كىشىلەر» نىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە بېرىشى، دىققەت قوزغىماقتا.

قىرغىزىستان 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر» تېرورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدىن 2002-يىلى 9-ئايدا خىتاي، ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان بىلەن بىللە ب د ت غا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» نى ب د ت نىڭ «تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈش تەلەپىىنى سۇنغان. ئامېرىكا 2020-يىلى بۇ تەشكىلاتنى ئۆزىنىڭ «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا ب د ت نىڭ قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بۇ تەشكىلاتنى تېرورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈشى، خىتاينىڭ كېيىنكى 20 يىلدا ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشى ئۈچۈن چوڭ دەستەك بولۇپ بەرگەن.

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق بويىچە تەتقىقاتچىسى، «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى شان روبېرتسنىڭ 7-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش «تېرورلۇق» قا قارشى تۇرۇش ھەركىتىنى باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك قوللىشى، ئۇنىڭ سىياسەتتە بارغانسېرى ھاكىممۇتلەق يولغا قاراپ مېڭىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «قىرغىزىستاننىڭ ئېنىق رەۋىشتە ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى› ھەققىدە باياندا بولۇشى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەركىتىگە ياردەمدە بولۇشىنى كۆرۈش، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. قىرغىزىستاننىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىنى قوللىشى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا كۆپ كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل قوللاش قىرغىزىستاننىڭ سىياسىتى بارغانسېرى ھاكىممۇتلەق يۆنىلىشكە قاراپ ئۆزگىرىۋاتقاندەك قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بەرمەكتە.»

ئامېرىكادىكى نۇپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ 2021-يىلدىكى ئاساسى قانۇن ئىسلاھاتى، ھوقۇقنىڭ پرېزىدېنت سادىر جاپپاروفنىڭ قولىغا توپلىنىپ، پارلامېنتنىڭ رولىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كۈچەيتكەن. بۇ يەنە قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ھوقۇقىنىڭ كۈچىيىشى، ئۆكتىچى ئاۋازلارنىڭ باستۇرۇلۇپ، ئەدلىيە مۇستەقىلىقىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان كونتروللىقنى كۈچەيتكەن. پروفېسسور شان روبېرتس، بۇ كېلىشىم ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قەدەر دېموكراتىك، دەپ قارالغان قىرغىزىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمە قويۇدىغانلىقىنىڭ سىگنالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شان روبېرتس مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر ۋەزىيەت. چۈنكى قىرغىزىستان تارىخىي جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قەدەر دېموكراتىك دۆلەت بولۇپ كەلگەن. بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بەلكىم بۇ كېلىشىم دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىرغىزىستاندىكى ھەرقانداق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بېرىدۇ.»

خىتاي-قىرغىزىستان «يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك كېلىشىمى» دىكى «شەرقىي تۈركىستان تېرورلۇق كۈچلىرى» نىڭ كىملەرنى كۆزدە تۇتقانلىقى كىشىلەرگە ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن كېلىشىمدىكى «گۇمانلىق كىشىلەر» نىڭ كىملەرنى كۆزدە تۇتقانلىقىغا قارىتا ھېچقانداق ئېنىقلىما بېرىلمىگەن. نۆۋەتتە، كېلىشىمدىكى بۇ خىل مۇجىمەل ئۇقۇملار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا ئەندىشە قوزغىماقتا.

ئىسپانىيەدىكى «قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت دېرىكتورى لاۋرا خارت (Laura Harth) نىڭ كۆرسىتىشىچە، «ھەيران قالارلىق بولمىغان» بۇ كېلىشىم بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقى، بەزى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا «قورقۇنچلۇق دەرىجىدە» ھازىر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدىكەن.

لاۋرا خارت 7-ئىيۇن بۇ ھەقتىىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ كېلىشىم ئەلۋەتتە بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنيا مىقياسىدا جازالاشنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ھەيران قالمىغۇدەك دەرىجىدە نامايەن قىلىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، بىز باشقا ھاكىمىيەتلەرنىڭ بېيجىڭنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا قورقۇنچلۇق دەرىجىدە تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرىۋاتىمىز. بۇ كېلىشىمدە قىرغىزىستاننىڭ ئاتالمىش ‹شەرقىي تۈركىستان تېرورلۇق كۈچلىرى›گە زەربە بېرىشنى، جۈملىدىن ‹گۇمانلىق كىشىلەر›نى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ۋەدە قىلىشى، قىرغىزىستاندىن پاناھلىق تەلەپ قىلىدىغان مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇدساپىرلىرى ئۈچۈن كىشىنى چۆچىتىدىغان سىگنالدۇر.»

لاۋرا خارتنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستان دائىرىلىرىغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ دوكلاتى» دا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقارغانلىقى، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى خاتىرلىتىش زۆرۈر ئىكەن.

ئۇ بۇنىڭغا قارىتا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرۈپ: «شۇ سەۋەبلىك نىشاندىكى بۇ خەلقنىڭ بېيجىڭنىڭ ساقچىلىرىنىڭ ئۇزۇن قولى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ئالدىدا قانچىلىك مۇھاپىزەتسىز قېلىشىنى كۆرۈش، ھەقىقەتەن كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ ھەم قورقۇتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ كۆرسىتىشىچە، كېلىشىمدە قىرغىزىستاننىڭ خىتاينىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان باستۇرۇش ھەركىتىنى قوللىشى، بېيجىڭنىڭ قىلمىشىنى قانۇنلاشتۇرغانلىق ئىكەن. شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى تېخىمۇ كۆپ ھەركىتىنى تېرورلۇققا قارشى قانۇنلۇق ھەرىكەت، دەپ چۈشەندۈرۈپ كەلگەن. بىراق بۇ خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى ئېتنىك جەھەتتىن نىشان قىلغان ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك.»

كېلىشىمدىكى دىققەت قوزغايدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، قىرغىزىستاننىڭ خىتاي ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلىشىدۇر. كېلىشىمدە، «ئىككى تەرەپ بىردەك ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، ئۆز خەلقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا ئىزدىنىدۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، ۋاستىلاشتۇرۇشقا، قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىيە قىممەت قارىشىنى سۈيىئىستىمال قىلىشى، دېموكراتىيەنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارلىشىشقا ۋاستە قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ» دېيىلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سۇرۇنلاردا، خۇسۇسەن ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كېلىشىنى توسۇشتا يۇقىرىقى پرىنسىپنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، قىرغىزىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىنسىيەگە چىققان سابىق لېكتورى رەخىمجان ھاپىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى رۇسىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئۇ، 7-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە قىرغىزىستاندا خىتاينى تەنقىد قىلىش، قىرغىزىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە سۇئال قويۇشنىڭ تېخىمۇ قىيىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. رەخىمجان ھاپىزوفنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە قىرغىزىستاندا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قىرغىزىستاننىڭ كېلەچىكى قانداق بولىدۇ، دېگەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش مۇھىتى قالمىغان.

پروفېسسور شان روبېرتس خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان مايىللىقىنىڭ ئارتقانلىقى، شۇنداقلا موۋسكۋانىڭ نىيىتىگە بولغان گۇمانى كۈچەيگەنلىكىنى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «شىئەندىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنى ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپ، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت قۇرۇشقا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرسەتتى. مېنىڭچە، بۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئالاھىدە قىزىقارلىق تەرەققىيات. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە موسكۋانىڭ مۇددىئاسىغا ئىشەنمەسلىكنىڭ ئارتقانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ.»

قىرغىزىستان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدىكى 2-چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئۇنىڭ 1992-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا خىتاي بىلەن بولغان سودىسى 180 ھەسسە ئاشقان. «خىتاي قۇرۇلۇشى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسى 2022-يىلى 15 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يېتىپ بارغان. نۆۋەتتە، قىرغىزىستاننىڭ خىتايغا قەرز قايتۇرۇش كۈچى بولمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق قىرغىزىستاننىڭ تاشيول، ئېلىكتىر ئىستانسىسى ۋە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىمەكتىكەن. قىرغىزىستان مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي قىرغىزىستاننىڭ ئەڭ چوڭ قەرز ئىگىسىگە ئايلانغان بولۇپ، 2022-يىلى قىرغىزىستان تاشقىي قەرزىنىڭ 40 پىرسەنتىنى دېگۈدەك خىتاي ئىگىلىگەن.

پرېزىدېنت جاپپاروف «شىئەن يىغىنى» دا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، قىرغىزىستاننىڭ مول كان بايلىقلىرىدىن ۋەز ئېۇتقان بولسىمۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەر قىرغىزىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ سىياسى سىستېمىسىغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا كۆپىيىشى ئەسلىدىنلا خىيانەتچىلىك ئېغىر بولغان قىرغىزىستاندا خىيانەتچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى، مۇھىتنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.