كۆزەتكۈچىلەر بارغانچە چوڭقۇرلىشىۋاتقان قىرغىزىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى تارايتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.11.06
qirghizistan-prezidenti-Sadyr-Japarov-xi.jpg خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» دا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىر جاپپاروف خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كېلىشىمگە ئىمزا قويدى. 2023-يىلى 18-ماي.
REUTERS

 شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش مىنىستىرلىرى يىغىنى 25-ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ قاتناشقان ئىدى. قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن ئەسناسىدا قىرغىزىستان بىلەن خىتاي قىممىتى بىر مىليارد دوللارغا بارىدىغان 29 خىل كېلىشىم ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىملەر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئالتە ئورۇندا كۆمۈر كان ئېچىشى، قىرغىزىستانغا بىر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ياساپ بېرىشى، شۇنداقلا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا شامال، قۇياش ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق يېشىل ئېنېرگىيە ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.

ھالبۇكى، قەشقەر بىلەن ئوش-ئەنجان ئارىسىدىكى خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ تېپىشتا قىينىلىۋاتقان قىرغىزىستاننىڭ، يۇقىرىقى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا يەنىلا خىتاي مەبلىغىگە ئېھتىياجى چۈشىدىغانلىقى، بۇنىڭ قىرغىزىستاننى خىتاينىڭ قەرز پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پاتۇرۇپ، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى تەسىرىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى قەيت قىلىنماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋە ئانالىزچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، يېڭى كۆمۈر كانلىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە خىتاي مەبلىغىگە بولغان موھتاجلىق، نوقۇل قىرغىزىستاننىڭ مۇھىت مەسىلىسىنىلا ئېغىرلاشتۇرۇپ قالمايدىكەن. بۇ ئۇنىڭ نازۇك دېموكراتىك قۇرۇلمىسى ۋە نىسپىي دېموكراتىك سىياسىي مۇھىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ تېخىمۇ ئارقىغا چېكىنىشىنى، بولۇپمۇ خىتاي ئۈچۈن سەزگۈر بولغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى يەنىمۇ تارايتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. يېقىندا قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ «قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى تۇرسۇنتاي سەلىموفنىڭ قولغا ئېلىنىشى، بۇ ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

قىرغىزىستان KG 24 ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستاننىڭ بىر مىليارد 700 مىليون دوللار تاشقى قەرزىنىڭ 40 پىرسەنتىنى خىتاي ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقىرىقى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا خىتايدىن قەرز سورىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچى، ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس، پىروفېسسور شان روبېرتس، قىرغىزىستاننىڭ قەرزى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا يارىشا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى دائىرىسىدىكى قەرز تۈرلىرىنىڭ بەك ئوچۇق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

شان روبېرتس 3-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «قىرغىزىستان خىتاي بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى. ئۇ بىر نامرات دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە، ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر تەرەپتىن كېلىدىغان مەبلەغنى قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن قىرغىزىستان قەرزگە بوغۇلۇشى بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان بىر دۆلەت. بۇ يەردىكى مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان سەلبىي ئاقىۋەتلەرگە قارىتا بەك سەزگۈر بولماسلىقىدۇر. »

شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستانغا نىسبەتەن قەرز قايتۇرۇش بىلەن ھېسابلاشمايلا خىتايدىن قەرز ئېلىۋېرىشى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەتەر ئىكەن. شان روبېرتس مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنى (خىتاينى) قىرغىزىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنى غەرەزلىك قەرز تۇزىقىغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ، دەپ قارىمايمەن، لېكىن ئۇلارنىڭ قىرغىزىستان قەرزنى بېرەلمىسە قانداق بولىدۇ، دېگەندە ئىزچىل ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم. مېنىڭچە، قىرغىزىستان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ چوڭ خەۋپ، ئۇنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىماسلىقىدۇر» .

قىرغىزىستاندىكى بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي قىرغىزىستانغا قەرز بېرىشتە ئىنتايىن يەڭگىل شەرتلەرنى قويماقتا ئىكەن. قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېھىم ھاپىزوف، خىتاينىڭ قىرغىزىستانغا قەرز بېرىشتە ھېچقانداق قوشۇمچە شەرت قوشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي قىرغىزىستاننىڭ قەرزنى قايتۇرالماسلىقىدىن بەك ئەندىشە قىلمايدىكەن. ئابدۇرېھىم ھاپىزوف 3-نويابىر كۈنى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ قىرغىزىستانغا يەڭگىل شەرتلەردە قەرز بېرىشتىكى سەۋەبى، ئەگەر قىرغىزىستان قەرزنى قايتۇرالمىسا، خىتاي قىرغىزىستاننىڭ كان بايلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي بىلەن بولغان بۇ خىل ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان تەڭپۇڭسىز مۇناسىۋەت مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ بۇ يىل 10-ئاينىڭ باشلىرىدا قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سابىق قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى، «قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى تۇرسۇنتاي سەلىموفنى «تەشكىللىك جىنايى گۇرۇھلارغا قاتنىشىش» بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىشى، ئۇيغۇرلاردىكى ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.

ئابدۇرېھىم ھاپىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق بېسىمى يوق بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يەنىلا ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان. تۇرسۇنتاي سەلىموف بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا بىشكەكتىكى بىر رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغاندا، ئۆزىگە قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان. ئەمما سوتچى ئۇنى 4-دېكابىر كۈنى ئېچىلىدىغان كېيىنكى قېتىملىق سوتقا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇشنى قارار قىلغان. بىراق شۇ كۈنكى سوتتا ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، بىشكەكتىكى بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىغا قارىتا ھەقىقەتەن ئەندىشە بار ئىكەن. لېكىن ئۇ خىتايغا نىسبەتەن قىرغىزىستاننى قانداق ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى، خىتاي ئۈچۈن پەقەتلا قىرغىزىستاننىڭ خىتايغا دوستانە ياكى دوستانە ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە كۆز يۇمۇش-يۇمماسلىقى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، خىتاي ئۈچۈن قىرغىزىستاندا قانداق ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار پەقەت خىتايغا دوستانىمۇ-ئەمەسمۇ، شۇنىڭغا قارايدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي سىستېمىسىنى مەقسەتلىك ئېكسپورت قىلىشى ھاجەتسىز. ئۇنىڭغا پەقەت كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان، ئۇنىڭ مالىيە مەنبەسىگە تايىنىشنى خالايدىغان دۆلەتلەر بولسىلا بولدى. »

قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىدا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا ئاچىدىغان كۆمۈر كانلىرىنىڭ كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشى، 6 ئورۇندىكى كۆمۈر كانىنىڭ مەھسۇلاتى خىتايغا تارتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قازغان كۆمۈر كانلىرىنىڭ مەبلىغى بۇ ئارقىلىق تۆلىنىدىغانلىقى، ئەركەشتام ئەتراپىدا چوڭ كۆلەملىك بىر كۆمۈر ئارقا سەپ بازىسى قۇرۇلىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

ئانالىزچى ئابدۇرېھم ھاپىزوفنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن بولغان بۇ قۇرۇلۇش قىرغىزىستاننى تېخىمۇ چوڭقۇر قەرز پاتقىقىغا پاتۇرغاندىن سىرت، ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.