27-28 ئاپرېل كۈنلىرى بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار «مەشرەپ» نامىدا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. بۇ مۇسابىقە «ياشلىق ئاۋازى» ناملىق بىر توپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى.
مەزكۇر مۇسابىقىگە بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى لېبېدىنوۋكا، نوۋوپوكروۋكا، چەت كۆل قاتارلىق يېزىلاردىن كەلگەن مەشرەپ ئەھلىدىن 18 گۇرۇپپا قاتناشتى. مۇسابىقىنىڭ تەرتىپى بويىچە ھەر بىر گۇرۇپپا بىر مەشرەپ بولۇپ، ھەر بىر مەشرەپ گۇرۇپپىسى بىر پۇتبول كوماندىسى سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقىگە قاتناشقان بۇ تەنھەرىكەتچىلەر ؛چوڭلار ۋە ياشلار گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىككىگە ئايرىلىپ، مۇسابىقىگە چۈشكەن. چوڭلار گۇرۇپپىسى 35 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ئىسپورتچىلاردىن، ياشلار گۇرۇپپىسى بولسا 14 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ئىسپورتچىلاردىن تەركىب تاپقان.
«ياشلىق ئاۋازى» توپىنىڭ ئەزاسى نۇرشات ئەبەيدۇللايېفنىڭ ئېيتىشىچە، «مەشرەپ پۇتبول مۇسابىقىسى» نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىر بىرى بىلەن يېقىن ئالاقە-مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتىش ئىكەن.
«مەشرەپ پۇتبول مۇسابىقىسى» 2014 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى باھاردا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىنمەكە. پەقەت ئۆتكەن يىلى، يەنى 2018 يىلى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەر خىل ئويۇن-تاماشىلارنى توختاتقان ئىدى. شۇلارنىڭ قاتارىدا «مەشرەپ پۇتبول مۇسابىقىسى» مۇ ئۆتكۈزۈلمىگەن. نۇرشات ئەبەيدۇللايېف ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.
مەشرەپلەرنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان گۇرۇپپىلىرىدىن تۈزۈلگەن كوماندىلارنىڭ ناملىرى مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆلىمالارنىڭ ئىسىملىرى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەر ۋە ناھىيەلەرنىڭ ناملىرى، ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە باشقا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتالغان. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان پۇتبول كوماندىلىرى ئۆزلىرىگە مېۋىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى ئىشلەتكەن. مۇسابىقە تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت مۇسابىقە جەريانىدا ياشلارنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆز ئانا تىلى ۋە تارىخى قاتارلىقلارنى بىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.
مۇسابىقىلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتۈشى ئۈچۈن قىرغىزىستان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن مەخسۇس ۋەكىللەر تەكلىپ قىلىنغان. رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىككى ۋەكىل، يەنى مۇسابىقىنىڭ نازارەتچىسى ئىرىنا دوروفېيېۋا ۋە سۋېتلانا ئابراموۋالار، مۇسابىقىنىڭ يۇقىرى كەيپىياتتا بولغانلىقى، ئىسپورتچىلارنىڭ ياخشى تەييارلىق قىلغانلىقى ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، مۇسابىقە جەريانىدا ئۇرۇش-تالاش قىلمىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئۇلار يەنە مەزكۇر مۇسابىقە كوماندىلىرىنىڭ ناملىرىنى بەك ياقتۇرغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆزلىرىمۇ كۆپ يېڭىلىقلارنى بىلىۋالغانلىقلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.
مۇسابىقىنىڭ چوڭلار قىسمىدا پۇتبول ئوينىغان چەت كۆل يېزىسىنىڭ مەشرەپ ئەزاسى ئەزىز خۇدابەردىيېف، ئۆزىنىڭ بۇ مۇسابىقىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، مۇسابىقە جەريانىدا ياشلارنىڭ چوڭلارغا قاراپ تەرتىپ ئۆگەنگەنلىكى ۋە مۇسابىقىنىڭ يۇقىرى كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
بىشكەك شەھىرى يېنىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان نوۋوپوكروۋكا يېزىسىدىن «مەشرەپ پۇتبول مۇسابىقىسى» گە ئىككى مەشرەپ گۇرۇپپىسى قاتناشتى. بۇ گۇرۇپپىلارنى تەييارلىغان سۈبھى ئەيساروف بۇ مۇسابىقىلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ بىر-بىرلىرى بىلەن تونۇشقانلىقىنى ئېيتتى.
مەزكۇر يېزىنىڭ «شاپتۇل» دەپ ئاتالغان مەشرەپ كوماندىسىنىڭ يىگىت بېشى ئارافات ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچىلىككە ئېرىشىش ئۈمىدى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئارافات ئەپەندى يەنە نوۋوپوكروۋكا يېزىسىدىكى مەشرەپلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇ جايدىكى مەشرەپ ئەھلىنىڭ چوڭلار، ياشلار ۋە كىچىكلەر مەشرىپى دەپ ئاتالغان ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىككى كۈنلۈك مۇسابىقە نەتىجىسىدە «پېدىگەن» كوماندىسى بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاندىكى ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئاساسەن بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا، ئاز بىر قىسمى قاراقول، ئوش، قارابالتا قاتارلىق شەھەرلەرگە تارقالغان. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى 1950-1960-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىگىلەيدۇ.
0:00 / 0:00