قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى كورونا ۋىرۇس بىمارلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن دوختۇرخانىلارنى ئاچماقتا

0:00 / 0:00

2019-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بىرىنچى قېتىم كۆرۈلگەن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. كۆپ دۆلەتلەر بۇ كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن بىر قاتار چارە-تەدبىرلەنى ئېلىپ بارغانىدى، بەزى ئەللەردە بۇ كېسەلنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، كارانتىن ۋە جىددىي ھالەت توختىتىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئەللەردە تاجسىمان ۋىرۇسى مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدا بايقالغان ئىدى. قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى سورونباي جېئېنبېكوۋ ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتمەسلىكى ئۈچۈن 22-مارتتىن تا 10-ماي ئىككى ئاي داۋامىدا بىشكەك، ئوش ۋە جالالئاباد ۋىلايەتلىرىدە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈشكە ۋە باشقا ۋىلايەتلەردە كارانتىن تەدبىرى ئېلىشنى قارار قىلغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا بىشكەك شەھىرىدە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ھەم پنېۋمونىيا، يەنى ئۆپكە ياللۇغى كېسىلى قاتتىق يامراپ كەتتى، دوختۇرخانىلاردا ئورۇن يوق بولۇپ، كۆپ كىشىلەرنىڭ نەپىسى قىسىلىپ، باقى دۇنياغا سەپەر قىلدى. بۇ ئەھۋال قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى.

قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى سورونباي جېئېنبېكوۋ تىجارەتچى ۋە سودىگەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، شۇ ئېغىر كۈنلەردە خەلق قىرىلىپ كېتمەسلىكى ئۈچۈن ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى پەرھات تۆلەندىبايېف ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە مەشرەپ ئاھالىسىنىڭ كۈچى بىلەن لېبېدىنوۋكا يېزىسىدا 40 كارىۋاتلىق كۈندۈزلۈك دوختۇرخانا ئاچتى. بۇ دوختۇرخانىدا ھەر كۈنى ئىككى يۈزدىن ئوشۇق بىمار داۋالانماقتا. پەرھات تۆلەندىبائېفنىڭ دېيىشىچە، بۇ شىپاخانىدا موھتاج بولغانلارغا، دورىلارنى سېتىپ ئالالمىغانلارغا كېرەكلىك دورىلارنى ئېلىپ بېرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەردە موھتاج بولغان ئاغرىقلار، ئۆزلىرىگە دورىلارنى ئالالمىغان بولسا، بىز ئۇلارغا ھەممە كېرەكلىك دورۇلارنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنى داۋالايمىز. بىز يەنە ئۆپكىگە ئوكسىگېن بېرىدىگەن ئىككى ئاپپاراتنى ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۈمىد قىلىمەنكى، ئۇلار كېرەك بولمايدۇ، لېكىن ئەگەر بەك قىيىن ئاغرىقلار كەلسە بىز تېز ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ئاساسلىقى بىز بۇ شىپاخانىدا كېسەلنىڭ ئەگەشمە كېسەللەرگە ئېلىپ بارماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋالايمىز، چۈنكى ھازىر دوختۇرخانىلاردا ھېچ ئورۇن يوق.»

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، پەرھات تۆلېندىبايېف دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن بۇ شىپاخانىدىكى ئىككى دوختۇرغا ئۆزلىرى مائاش بېرىدىكەن.

چەتكۆل يېزىسىدا ھاسانوف تۇرسۇنجان ۋە ئۇنىڭ مەشرەپ ئەھلىنىڭ كۈچى بىلەن كۈندۈزلۈك دوختۇرخانا ئېچىلغان. ئىگىلىنىشىچە، چەتكۆل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بېلېك، تۈز ۋە سېلېكتسىيە يېزىلاردا ھېچ بىر دوختۇرخانا ياكى سەھىيە ياردەم بېرىش پونكتى يوق ئىكەن. بۇ يېزىلارنىڭ تۇرغۇنلىرى داۋالىنىش ئۈچۈن سوكۇلۇك يېزىسىدىكى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك ئېكەن. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھاسانوف تۇرسۇنجاننىڭ ئاپىسى تەلەيخان خانىم، ئوغلىنىڭ دوستلىرى بىلەن بىرلىشىپ بۇ كۈندۈزلۈك دوختۇرخانادا ئىشلىۋاتقان دوختۇرلارنى مائاش بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەلۋەتتە، بۇنداق خەيرى-ساخاۋەتچىلىك جامائەتچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

چەتكۆل يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى رىسالىيېف ئاسىلبېك ئۇيغۇر يىگىتلەرگە ئۆز مىنەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ يېزىمىزدا بىرمۇ دوختۇر يوق ئىدى، ئەمدى بولسا بىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزنىڭ كۈچى بىلەن يېزىمىزدا شىپاخانا ئېچىلىپ، ھەممە كېرەكلىك نەرسىلەر بار بولدى، . ئۆپكىگە ئوكسىگېن بېرىدىگەن ئاپپارات، كېرەكلىك دورىلار، ھەممىگە يېتەرلىك بار بولدى. پۈتۈن يېزىمىزنىڭ نامىدىن بۇ يىگىتلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈمەن.»

چەتكۆل يېزىسىدا كۈندۈزلۈك دوختۇرخانىنىڭ ئېچىلىشىدا كۈچ كۆرسەتكەنلەر تۇرسۇنجان ھاسانوف، ھاجىم تىلىبايېف، تۇرغۇنتاي ئۆمەروف، ئەھمەد مۇسابايېف، ئەزىز خۇدايبېردىيېف، دىلشات، ياسىن ۋە ئابدۇرېشىت ئابدۇماسىيېفلاردۇر.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ۋىرۇس يۇقۇمىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن يەنە ئۆز قوللىرىدىن كېلىشىچە ھەر خىل ياردەم بېرىشكە تىرىشماقتا. كېسەلنىڭ يامراپ كېتىشى بىلەن قىرغىزىستانلىقلار ئۆپكىگە ئوكسىگېن بېرىدىگەن ئاپپاراتلارغا قاتتىق موھتاج بولغان ئىدى. بۇنداق ئاپپاراتلارنى 600 ئامېرىكا دوللىرىغا تۈركىيە ۋە خىتايدىن سېتىپ ئالغىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قىرغىزىستاندىكى ساخاۋەت فوندىلىرى ۋە تەشكىلاتلار خەلققە مۇراجىئەت قىلىپ بۇ ئاپپاراتلارغا پۇل توپلاشقا چاقىرىق قىلغان ئىكەن. قىرغىزىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا داڭلىق تاتلىق-تۈرۈم پىشىرغۇچى زۇلپىيە ئىبراگىموۋا قىز-كېلىنلەرگە ئۇيغۇر تاتلىقلارنى پىشۇرۇش دەرسلىرىنى بېرىپ، ئۆز ھەققىنى ئاپپاراتلارنى سېتىپ ئېلىشقا ئەۋەتكەن ئىكەن.

ئۇندىن باشقا سەنئەتكارلار ئۆز ئارا بىر توپ قۇرۇپ، بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا ئىشلىۋاتقان دوختۇرلار ۋە مېھرىبان سېسترالارغا سۇ، ئاش-تاماق ۋە كېرەكلىك سوپۇن، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ تۇرماقتىكەن. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ساخاۋەتلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەشەببۇسكارى زۇمرەت ئابدۇرەھىموۋا دوختۇرارغا ئاش-تاماق ۋە كېرەكلىك شەخسىي سالامەتلىكنى قوغداش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادا داڭلىق ئۇيغۇر ناخشىچى شۆھرەت ياقۇبوف زىيارىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنلەردە قىرغىزىستان ئېغىر بىر ۋەزىيەتكە چۈشكەن بىر پەيتتە جامائەتنىڭ بىرلىشىپ، موھتاجلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرى.

ئىگىلىنىشىچە، بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلار دوختۇرلارغا ئوخشىمىغان تاماقلارنى ۋە تاتلىقلارنى ئاپىرىپ تۇرماقتىكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ساخاۋەتلىك فوندلىرى ئاش-تاماق، دورا ۋە كېرەكلىك ئاپپاراتلارنى موھتاج ئائىلىلەرگە داۋاملىق يەتكۈزۈپ بېرىپ، ياردەم كۆرسەتمەكتىكەن. كەنت شەھىرىنىڭ ئىسسىق ئاتا ناھىيەسىدىكى دوختۇرلار ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دوختۇرخانىلارغا ئەڭ كۆپ ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆز مىنەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

دوختۇرلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىگە يەنە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى قوشۇلۇپ، 22-ئىيۇن كۈنى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىكى دوختۇرلارغا پولۇ ئاش تارقاتتى.