تۈركىيەدە تونۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقاتقۇچى رۇھى چەنەت تارقاتقان «3 مىليون ئۇيغۇرغا ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ لېكىن ھېچكىم ئاۋازىنى چىقارمايۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق 17 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ سانى 2 مىليونغا يەتكەن. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۈركىي خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن بۇ فىلىمنى ئىشلىگەنلىكىنى، بىر ھەپتە ئىچىدە 2 مىليون ئەتراپىدا كىشىنىڭ كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۈگۈن، 25-نويابىر كۈنى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باشقۇرۇش ھەيئەتى ئەزاسى مەمەت ئېلى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت رۇھى چەنەتنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئۇيغۇر دوپپىسى كىيدۈرۈپ، خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىپ، ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمىتىنى بىلدۈرگەن. بىز زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا مەمەت ئېلى ئەپەندى، رۇھى چەنەت ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئەزاسى گۈلمىرە قاسىم خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
رۇھى چەنەت ئەپەندى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا 17 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر نەپىرى. ئۇيغۇرلار تۈرك، مەنمۇ تۈرك. مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم تارتقان ئازابىنى ئاڭلاتتىم. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئاۋازى بولاي دېدىم. ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىسى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەپ تارقاتتىم».
سىزچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە ياخشى بىلىنمەسلىكىدىكى سەۋەب نېمە؟ دېگەن سوئالىمىزغا رۇھى چەنەت ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە ياخشى بىلىنمەسلىكىدىكى سەۋەب، كىشىلەرنىڭ تارىخىمىزنى ياخشى بىلمەسلىكىدىن بولسا كېرەك. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئەڭ قەدىمىي تۈرك قوۋىمىدۇر. 20-ئەسىردە ئىككى قېتىم مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن خىتايلار تەرىپىدىن قايتا بېسىۋېلىندى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بىلمەي تۇرۇپ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى بىلەلمەيمىز. يەنە بىر سەۋەبى كىشىلەردە بۇ ھەقتە ئىزدىنىش يوق. ئەمما ھازىر بۇ ھەقتە ئىلگىرىلەش بار، بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپىيىدۇ دەپ ئويلايمەن».
«3 مىليون ئۇيغۇرغا ھازىر خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، لېكىن ھېچكىم ئاۋازىنى چىقارمايۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق 17 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ سانى بىر ھەپتە ئىچىدە 2 مىليونغا يېتەي دەپ قالغان. رۇھى چەنەل ئەپەندى ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان شەكىلدە كۆپ كىشىنىڭ بۇ فىلىمنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ فىلىمنى ئىككى مىليونغا يېقىن ئادەم كۆردى. ئىنستېگرامدىمۇ ئەڭ كۆپ كىشى ھەمبەھىرلەنگەن فىلىم بولدى. مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقان نەرسە بۇنى كۆرگەن 50 مىڭ ئەتراپىدا كىشى ئۆز كۆز قارىشىنى يازغان. نورمال يۇتۇبقا قويۇلغان فىلىملارغا 3 مىڭدىن 5 مىڭغىچە ئادەم كۆز قارىشىنى يازىدۇ. بۇ فىلىمنى بىرىنچى رەتكە چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ ساندا كىشى ھەمبېھىرلىدى».
17 مىنۇتلۇق فىلىمدا چەتئەللىك مۇخبىرلار ئۇيغۇر دىيارىدىن تارتىپ چىققان لاگېر توغرىسىدىكى كۆرۈنۈشلەردىن ئۈزۈندىلەر قويۇلغاندىن سىرت، لاگېردا يېتىپ چىققان گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بەزى ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ بارغان. تونۇلغان يۇتۇب ساھىبى رۇھى چەنەت ئەپەندى بۇنىڭدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتە يازغان بايانلىرىنى ئوقۇسىڭىز كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانچىلىك قىزىقىدىغانلىقىنى، ھەممە كىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز. مېنى بەكلا خۇشال قىلغان نەرسە كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى ئىنتايىن يۇقىرىلىقى بولدى».
25-نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى تۈركىيە ۋەكىلى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى مەمەت ئېلى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت رۇھى چەنەت ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقان. مەمەت ئېلى ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ھەيئەتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى گۈلمىرە، رۇھى چەنەت ئەپەندىنىڭ تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كۆرگۈچىسى بار، مەشھۇر كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ فىلىم ئارقىلىق تۈركىيەدە ھەتتا دۇنيادىكى نۇرغۇن ياشلارنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەمەت ئېلى ئەپەندى، تونۇلغان يۇتۇب ساھىبى رۇھى چەنەتنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا فىلىم ئىشلەپ تارقىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
رۇھى چەنەت 1990-يىلى تۈركىيەنىڭ ئايدىن ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئۇنىۋېرسىتېتنى ھىندىستاندا ئوقۇش جەريانىدا كىچىك فىلىملارنى ئىشلەپ تارقىتىشقا باشلىغان. ھازىر 2 يۇتۇب قانالىنىڭ ساھىبى بولۇپ، كۆرۈرمەنلىرىنىڭ سانى 200 مىليونغا يەتكەن.
0:00 / 0:00