خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن يەنە 10 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارىلانغانلاردىن يەنە 10 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ما شىڭچۇەننىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى 22 نەپەر كىشى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، 5 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ۋە يەنە 5 كىشىگە بولسا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

ما شىڭچۇەننىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، بۇ كىشىلەردىن 8 نەپىرى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، قالغان 4 نەپىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 10 يىللىق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئەمما ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى تەپسىلى دەپ بېرىشتىن ئۆزىنى تارتقان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان 5 نەپەر كىشىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىكەن.

شۇنداق بولغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرىغان كىشىلەرنىڭ سانى جەمئىي 22 نەپەرگە يەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 9 نەپىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى نويابىردا ئىجرا قىلىنغان ئىدى.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار سوتلار ئېچىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، گەرچە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئىزچىل ھالدا خىتاي سوتلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشقا ۋە سوت تەرتىپىدە ئادىل بولۇشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي يەنىلا بۇ چاقىرىقلارغا قۇلاق سالماي كەلمەكتە.