جۈمە كۈنكى يىغىندا كومپارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت ئومۇمى يىغىنىنى 1-نويابىر كۈنى چاقىرىش، 1-نويابىردىكى يىغىندا 18-قۇرۇلتاينى 8-نويابىر كۈنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلىش قارار قىلىنغان. مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ دەل ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمى 6-نويابىر كۈنى باشلىنىپ، 8-نويابىر كىمنىڭ ئۇتقانلىقى ئايدىڭلىشىدىغان كۈنگە توغرىلانغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكى، 2002-يىلى كومپارتىيە 16-قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نويابىر كۈنى چاقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىراق 2002-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلام يىلىغا توغرا كەلمىگەن.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى خۇ جىنتاۋ-ۋېن جاباۋ رەھبەرلىك گۇرۇھى دەم ئېلىشقا چىقىپ، شى جىنپىڭ-لى كېچياڭ گۇرۇھى ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. شۇڭا خىتاي يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ سىياسىتى، تاشقى ئىشلار ۋە مىللىي مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيىسى قانداق بولىدىغانلىقى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ 1-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ باۋارىيە شتاتلىق پارلامېنتىدا مەخسۇس مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە يىغىن چاقىرىپ، خىتاي يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ مىللىي سىياسەت ۋە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى پوزىتسىيىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى زۆرۈر تاپقان.