ئۈرۈمچىلىك پۇقرالارنىڭ رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، ئىلگىرى ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرى ئىنتايىن قايناق بولسىمۇ، بىراق يېقىندىن بۇيان قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى، مۇقىملىقنى قوغدىغۇچى خادىملار، ج خ ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىرلىشىپ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى يايمىچى، پلاستىنكا ساتقۇچى ۋە كوچا ناخشىچىلىرىنى «پاك-پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلىغان.»
ئايرودروم، سودا سارىيى ۋە تاللا بازارلىرى ھەمدە مەھەللىلەردە تەكشۈرۈش، تەقىب قىلىش كۈچەيتىلىپ، ئۆتكەن-كەچكەن ماشىنا-ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش، پراۋا، رەسمىيەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش يولغا قويۇلغان. ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر خىتاي كۆچمەن ئاھالىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆڭكۆۋرۈكتىكى چوڭ بازارنىڭ كىرىش-چىقىش ئىشىكىگە تەكشۈرۈش جىھازىسى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، بىراق كىرگەن-چىققانلارنىڭ سومكىسى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
د ئۇ ق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قۇرۇلتاينى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ۋە تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، دائىرىلەرنىڭ يېرىم كېچە ياكى تاڭ سەھەردە ھېچقانداق رەسمىيەت بېجىرمەي، نۇقتىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئېغىر مىللىي كەمسىتىش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى نۇقتىلىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان.