شەندۇڭدا بايقالغان 21 بوۋاقنىڭ جەسىتى خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىماقتا

28 - مارت كۈنى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە بىر ئېرىقتىن يېڭى تۇغۇلغان 21 بوۋاقنىڭ جەسىتى تېپىلغان، ۋەقە كىشىلەر ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، 21 جەسەتنىڭ 8 ىنىڭ پۇتىدىكى شەندۇڭ ئۆلكىلىك جىنىڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارماق دوختۇرخانىسىغا ئائىت بەلگىدە بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يېزىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بوۋاقلارنىڭ جەسەتلىرى يەرلىك ئاھالە تەرىپىدىن بايقىلىپ، ساقچىغا خەۋەر قىلىنغان. دائىرىلەر بوۋاقلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىشلىتىلىدىغان پىلاستىك خالتىلارغا قاچىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بوۋاقلارنىڭ بىر قىسىملىرى تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيىسىدە چۈشۈرۈلگەن، يەنە بىر قىسىملىرى داۋالاش جەريانىدا ئۆلگەن بوۋاقلار بولۇشى پەرەز قىلىنغان.

21 بوۋاق جەسىتىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلمەي، ئوخشاش يەرگە تاشلىۋېتىلىشى، ۋەقەنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە بىر قانچە دوختۇر خىزمەتتىن توختىتىلىپ، تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان.