دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى «29-ماي غۇلجا-چۆچەك ۋەقەسى» نى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى

بۈگۈن سەيشەنبە كۈنى، «29-ماي ئىلى-چۆچەك ۋەقەسى» نىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنى. يەنى 1962-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى، رايوندىكى سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىلى ھەم چۆچەك رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان زور مۇسىبەتلىك كۈن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى 1962-يىلى خىتاي دائىرىلىرى پەيدا قىلغان بۇ قانلىق ۋەقەنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«29-ماي ۋەقەسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى قوزغالغان زور كۆلەملىك ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكىتى. ئەينى چاغدا ئىلى چۆچەك ئالتاي رايونىدىن ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان، فىتسېر جەڭچىلىرىمىز، ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆچمەن بولۇپ ياشىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ، ئەركىنلىك ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى ھەم بۇ ۋەقەنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈش تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»