گۇاڭدۇڭدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇرغانلىقىنى توردا ئېلان قىلغان 3 خىتاي پۇقراسى قولغا ئېلىندى

خىتاي گۇاڭجۇ شەھىرىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئۇرغانلىقىنى توردا ئېلان قىلغان 3 خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئېلىپ، "پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش" بىلەن ئەيىبلىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى 4 نەپەر تىجارەتچى كىيىم - كېچەك سېتىۋالماقچى بولۇپ، گۈاڭجۇ شەھىرىنىڭ بېيجىڭ يولىدىكى بىر كىيىم - كېچەك دۇكىنىغا كىرگەن ۋە بۇ جەريانىدا خىتاي دۇكاندار بىلەن تىجارەتچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. قولغا ئېلىنغان 3 نەپەر خىتاي پۇقراسى توردا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا ئەتراپدىكى خىتايلارنىڭ دۇكاندارغا يان بېسىپ، بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇر تىجارەتچىنى توپلىشىپ ئۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لېكىن شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ قازاقىستان ۋە رۇسىيىلىك تىجارەتچىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، مەسئۇلىيەت بۇ 4 كىشىگە ئارتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر بەلۋاغنى تىقىۋالغانلىقى، دۇكاندارنىڭ ئۇلارنى توسىۋېلىپ، ئىككى بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ۋەقەگە ئارىلاشقانلىقى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىك سەۋەبى پۇقرالارنىڭ تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن توپلاشقانلىقى، ج خ دائىرىلىرىنىڭ تەرەپلەرنى ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن چېن فامىلىلىك بىر يولۇچى بىلەن يەنە ئىككى خىتاي پۇقراسى بۇ ۋەقەنى تور بېتىدە ئېلان قىلىپ، خىتاي شەھەر ئاھالىسى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بۇ 4 ئۇيغۇرنى توپلىشىپ ئۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ساقچىلار بولسا بۇ 3 خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى "پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش" بىلەن ئەيىبلىگەن.

بۇ يىل 6 ‏- ئايدا گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن 26‏ - ئىيۇندىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى، ئۈرۈمچىدە "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنىڭدىن بۇيان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىغا دائىر ۋەقەلەرنى مەتبۇئات يۈزىدە ئېلان قىلىشنى قەتئىي چەكلىگەن.