4 ‏- ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىندى

27 - ئاپرىل كۈنى، 1989 - يىلىدىكى 4 - ئىيون تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قاتناشقۇچىلىرى نيۇيوركتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا ئۇلار 4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاق تاشلىق كىتاپ ئېلان قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.04.28

نيۇيوركتىكى مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا، ئەينى دەۋىردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باشلامچىلىرىدىن ۋاڭ دەن رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ 4 - ئىيون ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەقىقىي قەھرىمانلار دەپ ئاتاش كېرەك دېگەن.

ۋاڭ دەن ئۆز نۇتقىدا يەنە " بىزنىڭ 1989 ‏- يىلىدىكى بۇ ھەرىكىتىمىز پۈتۈن دۇنياغا خىتاي خەلقىنىڭ غۇرۇرىنى نامايەن قىلدى. 20 يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق ئۆتكۈر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى يېپىشقا ئۇرۇنۇپ، خەلقنىڭ ئەخلاقى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەشتۈردى" دەپ كۆرسەتكەن.

يىغىندا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ۋەكىلى ۋاڭ جۈنياۋ 27 ‏- ئاپرېلنى خىتايدىكى دېموكراتىيە بايرىمى قىلىپ بېكىتىش لايىھىسىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بېرىپ 1989 - يىلى 27 - ئاپرىل كۈنىدە، بېيجىڭدىكى قەيسەر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، خۇ ياۋباڭغا تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىلىشىنى بارا ‏- بارا پارىخور ئەمەلدارلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش، خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىگە كۆتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك خەلق ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى مەيدانىنى ھازىرلىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى، سىياسىي تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك دېموكراتىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى شەرھىلىگەن. شۇنداقلا ھالبۇكى خىتاي كوممۇنىست دىكتاتورلىرىنىڭ خەلقنىڭ سىياسىي ئارزۇسىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادە قىلغان بۇ ھەرىكىتىنىمۇ قانلىق يوسۇندا باستۇرغانلىقىنى قاتتىق پاش قىلغان.

مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا يەنە، بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ داڭلىق مۇھەررىرى ئوبزورچى خۇ پىڭمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىندا 4 - ئىيون كۈنىدە ئاق كىيىم كىيىپ، بۇ دېموكراتىك ھەرىكەتنى ھەمدە ھەرىكەتتە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1989 - يىلىدىكى 4 - ئىيون تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى، خىتاي دائىرىلىرى ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك ھەربىي قوشۇنى، تانكىلىرى ئارقىلىق قانلىق باستۇرغان بولۇپ، بىر قانچە يۈزلىگەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋەقەدە قان تۆككەن ئىدى.
 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.