ئۇ، تۈنۈگۈن كەچتە خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكلەش يولىدىن ھەرگىز چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خوڭكوڭ خەلقىنى 4-ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قوزغاشقا چاقىرغان ئىكەن.
بۈگۈن ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۇنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا كەلگەندە، لى ۋاڭياڭغا بېرىلىۋاتقان ئوكسىگېن شىلانكىسى ئۈزۈپ تاشلانغان ھالەتنى كۆرگەن، شۇ ۋاقىتتا، ساقچىلار كېلىپ مەيداننى يىغىشتۇرۇپ، جەسەتنى ئېلىپ كەتكەن، لى ۋاڭياڭنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى دەپ جاكارلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 4-ئىيۇن ۋەقەسىدە ئوقۇغۇچىلارنى قوللىغان بېيجىڭ ئەينەك زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى لى ۋاڭياڭ تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن، «ئەكسىلئىنقىلابى تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان» دېگەن نام بىلەن 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، 2001-يىلى يەنە «دۆلەتنى ئاغدۇرماقچى» دېگەن نام بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ، بۇلتۇر 5-ئايدا ئەما ۋە گاس بولۇپ قالغان ھالەتتە تۈرمىدىن چىققان.