'سەددىچىننىڭ سىرتىدا' ناملىق تيەنئەنمېن ۋەقەسى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم نيۇيوركتا قويۇلماقچى

1989 ‏- يىلىدىكى 4 ‏- ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن "سەددىچىننىڭ سىرتىدا" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم بۈگۈن ئاخشام يەنى 31 ‏- ماي كۈنى كەچتە نيۇيوركتىكى تەيۋەنلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەت زالىدا قويۇلماقچى.

خىتايچە بۈيۈك ئېرا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىدە ئىشلەنگەن بۇ فىلىمدە 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسى ۋە ۋەقەدىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ پاناھلانغان خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن. فىلىمدە خۇ پىڭ، ياڭ جيەنلى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق تونۇلغان خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ئىش- ئىزلىرى ۋە كۆز قاراشلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ فىلىمنىڭ خىتاي ئىچى- سىرتىدىكى خىتايلارنىڭ ئىدىيىسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلماقتا. 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ 21 ‏- يىللىقىغا بىر قانچە كۈن قالغاندا، خىتاي رەھبەرلىرىدىن لى چاڭچۈن سۆز قىلىپ، خىتايدىكى ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيە تەربىيىسىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئالالمايۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتىكى تەلىم - تەربىيىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا نىسبەتەن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، خىتاي دېموكراتچىلىرى بىلەن خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئۇزۇندىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان تەشۋىقات كۈرىشىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاجىزلاشمايدىغانلىقىنىڭ ئىشارەتلىرى كۆرۈلمەكتە.