فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، لوندوندا ھەتتا ئەنگىلىيىلىك ژۇرنالىستلارمۇ گۈل كۆتۈرۈپ تۆتىنچى ئىيوننى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پارىژدا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تۆتىنچى ئىيون ۋەقەسىنى ئەسلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن مەيدانى رايونىنى ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلدى. چەتئەلللىك مۇخبىرلارنىڭ بۇ دائىرىگە كىرىشىنى چەكلىدى. خىتاينىڭ چېگرا قوغدىغۇچىلىرى ماكاۋدا، 4 - ئىيون ھەرىكىتى يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۆركەش دۆلەتنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلاش تەلىپىنى رەت قىلدى. تۆتىنچى ئىيون ھەرىكىتى يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى بولغان شاڭ شاۋجىنىمۇ، خىتاينىڭ چېگرا قوغدىغۇچىلىرى خوڭكوڭدا چېگرىدىن كىرگۈزمىدى.
ئەمما خىتايدا ئىنتېرنېت ئەھلى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تورلارنى قاتتىق توسۇۋېلىشغا قارىتا خىلمۇ - خىل چارىلار بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنى ئىپادىلەشكە تىرىشتى.