بۇ ھەقتىكى خەۋەردە پرېزىدېنت تورىبىئوڭنىڭ "4 ئۇيغۇرنىڭ ۋاقىتلىق پالاۋغا ئورۇنلىشىدىغانلىقى رەسمىيلەشتى" دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
لېكىن ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ گۈەنتانامودىن قاچان ئايرىلىدىغانلىقىغا دائىر تەپسىلىي دىتاللارنى ئاشكارىلىمىغان. تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى جورجى كلارك پالاۋغا بېرىشنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى ئادۋوكاتلىقىنى قىلىۋاتقان ئىككى كىشى بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گۈەنتانامودىن ئايرىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جورجى كلارك گۈەنتانامودا قېلىپ قالغان 13 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارنىڭ ئۆزى بارىدىغان ماكاننى تاللاپ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى پرېزىدېنت تورىبىئونىڭ باياناتىغا ھازىرغىچە ئىنكاس قايتۇرمىدى. لېكىن ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
