مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى

1997-يىلى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 16 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش، سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، 1997-يىلى غۇلجا ياشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشنى خاتىرىلىدى.

2-فېۋرالدىن باشلاپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شۆبە تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 5-فېۋرال قۇربانلىرىنى ۋە شۇ قېتىمقى نامايىش سەۋەبىدىن خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلىش، خەتمە-قۇرئان قىلىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 5-فېۋرال كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە، 1997-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان غۇلجا 5-فېۋرال نامايىشىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق خاتىرىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.