ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 16 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى 5-فېۋرال كۈنى تور بېكىتىدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 16 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

باياناتنامىدە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 1997-يىلدىكى 5-فېۋرال غۇلجا ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى خەلقئاراغا چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

1997-يىلى يىلى نەچچە مىڭلىغان غۇلجا ياشلىرى نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك چەكلىمىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەندە، خىتاي دائىرىلىرى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ نامايىشنى قانلىق باستۇرغان، نامايىشتىن كېيىن تۈركۈم-تۈركۈم غۇلجا ياشلىرى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىلەرگە سولانغان، بىر قىسمى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.