دائىرىلەر 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقى ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدە جىددىي تەدبىر ئېلىشقا باشلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل مەزگىلىدە جىددىي تەدبىر ئېلىشنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقان مەزگىلدە، ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر نەپەر ساقچى يارىلىنىپ، ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش تۇتقۇن قىلىنغان.


باياناتچى دىلشات رىشىت بۇ ۋەقە ھەققىدە رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، «دائىرىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەن» لىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلەنگەن پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن 18 - ئىيۇن كۈنى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىق ھارپىسى ھەم 18 - قۇرۇلتاي ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا، سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر توپلاشنى كۈچەيتىش، كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چەتئەلدىن كەلگەن مۇھاجىرلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش» نى تەلەپ قىلغان.

دائىرىلەر يەنە، تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جىددىي تەدبىر قوللانغان. مەلۇم بولۇشىچە، بىر ئايدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە داۋاملىشىۋاتقان مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر پوتپول مۇسابىقىسىدە، نەچچە ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر پۇتپول ھەۋەسكارىنىڭ مەيدانغا توپلىنىشى دائىرىلەرنى ئەنسىرەتكەن. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۆتكەن جۈمە 22 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە ۋاقتىنى ئەسلى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن2 سائەت ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە ئەمەس، شىخەنزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.