دائىرىلەر 5-ئىيۇل مەزگىلىدە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىغا قارىتىلغان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىق ھارپىسى يېقىنلاشقان بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىغا قارىتىلغان كونتروللۇق بارغانچە كۈچەيتىلگەن بولۇپ، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنى بېيجىڭدىن ئۆز يۇرتلىرىغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىشنى باشلىۋەتكەن.

ئەرزدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەن ساقچى ھەم كادىرلار، بېيجىڭدىكى ئەرزدارلاردىن تۇراپجان، ئۆمەرجان قاتارلىق 7 كىشىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭدىكى شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئورنى ھەم قەشقەر ئىش بېجىرىش ئورنىغا نەزەربەند قىلغان.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بېيجىڭدىكى 20 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدار ئۇلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن يۇرتلىرىدىن ئەۋەتىلگەن ساقچى-كادىرلارنىڭ ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئېلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.