خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ '5‏ - ئىيۇل دوكلاتى'غا ھۇجۇم قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز ‏ - دېرىكىنى بېرىشكە چاقىرغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى ئەيىبلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۇي پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلىپ، "بۇ تەشكىلات نۇرغۇن پىتنە - ئىغۋالارنى تارقىتىپ، جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى،" دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۈرۈمچىگە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، 5‏ - ئىيۇلدىكى ۋەقەدە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردىن 43 ئادەمنىڭ ئىسىم - پامىلىسىنى ئېنىقلاپ چىققان. لېكىن ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بۇ 43 ئادەم "دېڭىز ئاستىدىكى مۇز تاغنىڭ سۇ ئۈستىگە چىقىپ قالغان كىچىككىنە بىر پارچىسىدىن ئىبارەت" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ما جاۋشۇي پەيشەنبە كۈنكى باياناتىدا " بۇ تەشكىلات بۇنداق گەپلەرنى قىلىشتا قانداق پاكىتقا تايانغانلىقىنى بىلمىدىم" دېگەن.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ئۇيغۇرلارغا "ئېرقىي قىرغىنچىلىق" ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قۇرۇلتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا، خىتايغا ئوخشاش قورقۇنۇچلۇق قىلمىشلارنى سادىر قىلغان دۆلەتلەرگە مۇئامىلە قىلغاندىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى.