ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىۋاتقان مەزكۇر يىلنامىدا دۇنيادا شۇ بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن زور ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەقەلەر ۋە ئاسترونومىك ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق ئىنسانىيەت تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە كۆرسەتكۈسى ۋەقەلەر خاتىرىلىنىدۇ.
بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىنىڭ ئابىدىسى دەپ قارىسا. بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەنى، خىتاي - ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە دەپ باھا بەرگەن؛ چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، مەزكۇر ۋەقەنى خىتاينىڭ 60 يىللىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ نامايەندىسى دەپ كۆرسەتكەن.
ئالماناخ 1880 - يىللاردىن باشلاپ ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان قەدىمىي ۋە نوپۇزلۇق يىلنامىلەردىن بىرىدۇر.