خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن ھاياتىي خەۋپكە ئۇچرىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتايدىكى قارا قول گۇرۇھلىرىغا نەچچە ئون مىڭ دوللار پۇل تۆلەش ئارقىلىق پاسپورت ۋە ۋىزا ھەل قىلىپ، چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا ئەللەرگە قېچىپ چىققان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يېقىندا گوللاندىيىگە قېچىپ چىققان ۋەلى ۋە پاتىگۈل ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە نەچچە ئاي يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، خىتاي ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە پۇل بېرىش ئارقىلىق گوللاندىيىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەقىقىي ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇخبىر گوللاندىيىگە قېچىپ كەلگەن ۋە ئۆزىنى پاتىگۈل دەپ تونۇشتۇرغان قىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسى بىلەن تېلېفوندا زىيارەت ئېلىپ بارغان. پاتىگۈلنىڭ ئاپىسى مۇخبىرغا ئوغلىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىزى پاتىگۈلنى قوغداپ قېلىشىنى تەلەپ قىلغان.