خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەخمەت ئەلى 5 - ئىيۇل كۈنى ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كېچە سائەت 10 دا خىزمەت ئورنىغا يېتىپ كېلىپ، بىر قانچە خىزمەتدېشى بىلەن بىرلىكتە، خىتاي پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان. ئۇ تاشقى سودا ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىكى 3 خىتاي يارىدارنى قۇتقۇزماقچى بولغاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا بەل قىسمىغا كېسەك تېگىپ 3 تال قوۋۇرغىسى سۇنۇپ كەتكەن.
خەۋەردە ئەخمەت ئەلىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن قانداق مۇكاپاتلانغانلىقى بايان قىلىنمىغان، ئۇنىڭ يەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلمىگەن.
ئۆتكەن ئايدا بوشۈن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە خىتاي پۇقراسىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئادىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يەكلىنىپ، يۇرتنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.