5 ساقچىنى ئۆلتۈرگەن ياڭ جيانىڭ ئۆلۈم كۈنى گۇمان قوزغىدى

ئالدىنقى يىلى شاڭخەيدىكى بىر ساقچىخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ 5 نەپەر ساقچىنى پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرگەن ياڭجيا ئىسىملىك بىر ياشقا بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 26 ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى.

خەۋەرلەر ئاساسلىقى خىتاينىڭ شىنخۇا قاتارلىق دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن، ئەمما، ياڭ جيانىڭ سوتلىنىش ۋە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىش جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ياڭ جا ھەققىدە مەخسۇس ماتېرىيال توپلاۋاتقان گېرمانىيىدىكى بىر خىتاي مۇتەخەسسىس، يېقىندا ياڭ جيانىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ياڭ جيانىڭ جەسەت كۈلىنىڭ مەزكۇر ئائىلىگە ‏12-ئاينىڭ 15-كۈنى يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۇققان.

جەسەت كۈلىنىڭ «ئۆلۈم ئىجرا قىلىندى» دېيىلگەن كۈندىن 20 كۈن كېيىن بولۇشى، مەزكۇر مۇتەخەسسىسنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

ۋاڭ روڭفېن ئىسىملىك مەزكۇر مۇتەخەسسىس بۈگۈن رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىگە قىلغان سۆزىدە، ياڭ جيانىڭ بەدەن ئورگانلىرىنىڭ سېتىلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ، بۇرۇنقى بىر قىسىم چوڭ دېلولارغا قايتىدىن قاراپ چىقىشى لازىملىقىنى ۋە بۇنىڭ بىرى ياڭ جيانىڭ دېلوسى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.