بۈگۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېتەكچىلىرى بولغان فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت بۇ 8 چوڭ سانائەت دۆلىتىنىڭ دىپلوماتلىرى كانادانىڭ كيۈبەك شىتاتىدىكى گاتىناۋ شەھەرچىسىگە توپلىنىپ ئېلىپ بارغان قېيىن سۆھبەتتە، ھەممىسى بىردەكلا ئىراننىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ھەرىكىتى يادرو بومبىسى ياساشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇ بەلكى ھازىر بۇ ھەرىكىتىنى ھەسسىلەپ تېزلىتىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كانادانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنس كاننون بۇ يىغىنىدا، "بۇ قېتىم ئىران مەسىلىسى بۇيىچە بىر كېلىشىم ئىمزالاش كېرەك،" دەپ جاكارلىغاندا، بۇ 8 چوڭ دۆلەت كىلوبىنىڭ ئەزالىرىدىن خىتاي، برازىلىيە، تۈركىيە تېخىچە ئىراننى جازالاشنى قوللايدىغان تەرەپتە ئەمەس ئىدى.
ئەمما ئىراننىڭ مۇشۇ كۈنگە قەدەر دۇنيادا يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى چەكلەشكە بوي سۇنماي كېلىۋاتقان لىقىغا بىۋاستە سەۋەبچى بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھازىر مەيدانىنى ئۆزگەرتتى. بۇ سۆھبەت ھازىر داۋاملىشىۋاتىدۇ.