گېنېرال داۋىد پېترىئوس ' ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسى ئۆزگەرمەيدۇ' دېدى

ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە ناتو قىسىملىرىغا يېڭىدىن قوماندان قىلىپ تەيىنلەنگەن ئامېرىكىلىق گېنېرال داۋىد پېترىئوس بۈگۈن بريۇسسېلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۇ ناتو باش سېكرېتارى فوگ راسمۇسسېن بىلەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

يېڭى قوماندان داۋىد پېترىئوس سۆزىدە ئافغانىستان ئىستراتېگىيسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشتا ئاۋام خەلققە كېلىدىغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "ئاۋامنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز،" دېدى ۋە ئۇسلۇبتا بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ناتو باش سېكرېتارى فوگ راسمۇسسىن بولسا، ناتو قىسىملىرىنىڭ پىلانىنىڭ تالىبان بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئافغان بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى قوماندان گېنېرال داۋىد پېترىئوس بريۇسسېلدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن كابۇلغا قاراپ يولغا چىقىدىكەن.